ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوش خەۋەر

خوش خەۋەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى ( ئىقامىتىنى) ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن زاماندىن بىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ خىزمەت ئىشلەپ كەلگەن ئىدۇق. خىزمەت داۋامىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، جۇمھۇر رەئىس ۋە كۆچمەنلەر ئىدارە رەھبەرلىرى بىلەن نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ۋاقىتلىق تۇرۇش كىشنىشكىسى ( ئىقامەت ) بىرىش ئىلتىماسى سۇنغان ئىدۇق.
نەتىجىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامەت) كە مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى بىر قانچە قىيىنچىلىق ھەل بولدى:
1.قىسقا ۋاقىتلىق ۋە ئۇزۇن ۋاقىتلىق، تۈركىيىدە ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامەت)ئېلىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىدىن كارت پۇلىدىن باشقا ھەر قانداق ھەق ۋە جازا پۇلى ئالمايدىغان بولدى.
2. ئىلگىرى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىگە كېلىپ تىزىملاتقانلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامىتى) تەستىقلاندى.
ئىلگىرى جەمئىيەتكە تىزىملاتقانلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامەت) مۇشۇ شەنبە كۈنى(9- ئاينىڭ 29- كۈنى )ئەتىگەندە تىزىملاش باشلىنىدۇ. ئىسىملىرى تىزىملىك رەت تەرتىپى بويىچە يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشقا چاقىرىلىدۇ. يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشقا جەمئىيىتىمىز تېلېفون ئارقىلىق چاقىرىدۇ. چاقىرىلغانلار بەلگىلەپ بەرگەن جايغا پاسپورتى بارلار پاسپۇرتلىرىنى، ساياھەت بەلگىسى بارلار ساياھەت بەلگىسىنى، تۈركىيىدە تۇغۇلغانلار تۇغۇت بەلگىسىنى ئېلىپ كېلىشى ، ھېچنېمىسى يوقلارمۇ كىلىشى كېرەك.
3. ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامەت) ئېلىش ئۈچۈن، بارىدىغان جاي بىلەن ۋاقىت سائىتى چاقىرىلغانلارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. چاقىرىلمىغان ياكى تىزىملىكتە ئىسمى بولمىغانلار خىزمەت بىناسى ئىچىگە قەتئى كىرگۈزۈلمەيدۇ. ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامەت) بېرىلمەيدۇ.
4.ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامەت) كە تىزىملىتىپ كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ( ئىقامىتى) تەستىقلىنىپ تارقىتىشقا باشلىدى.
ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ