ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن D N A ئەۋرىشكىسى ئېلىشـتىكى مەقسىدى نېمە؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-12-20 14:41:46 جەمئى 10959 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن D N A ئەۋرىشكىسى ئېلىشـتىكى مەقسىدى نېمە؟

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلاردىن D N A ئەۋرىشكىسى ئېلىشـتىكى مەقسىدى نېمە؟

17- دېكابىر داجۈەن تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇردىن قان ئەۋرىشكىسى ئېلىشتا ئۆچ خىل مەقسىدى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. خەۋەردە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى نوقتۇلۇق باشقۇرىلىدىغان كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ھەمدە 12ياشتىن 65 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ئۇيغۇرلاردىن بارماق ئىزى، قان ئەۋرىشكىسى، ئاۋاز تۈسى ئەۋرىشكىسى قاتارلىق ماتىرىياللىرىنى ئالغانلىقىنى، خىتاي دائىرلىرى 11- ئايدىكى خەۋەرلىرىدە 19 مىليون كىشىنىڭ D N A ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان دىلشاد ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ: ‹‹ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ D N A ئەۋرىشكىسىنى توپلاشتا ئۈچ خىل مەقسىدى بار. بىرى قان ئەۋرىشكىسى توپلاپ بىئولوگىيلىك قورال ياساش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىش، ئىككىنچى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىچكى ئورگان تىجارىتىدىكى زاپاس مال سۈپىتىدە ئىشلىتىش، ئۈچىنچى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قانداق يىرىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر بىئولوگىيىلىك سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كونترول قىلىش›› دېگەن سۆزلىرى نەقىل قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ