ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچرىغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-11 15:03:20 جەمئى 2012 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچرىغان

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كەڭ- كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى تەنقىدكە ئۇچرىغان
10 يانۋار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي زاتلارنى يىغىۋېلىپ، جىنازا نامىزى ئوقۇشقا ئادەم قالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان،
خەۋەردە يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندا توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر چىراغ ئىشلىرىدا نىكاھ ئوقۇش، جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشكە دىنىي زات تاپالماسلىقتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەنلىكى، خىتاي 2014 ‏يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىمام-خاتىپ، مەزىن ۋە دىنىي زاتلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە جازالاش ياكى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى، بەزى رايونلاردا دىنىي زاتلار بولماسلىق ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى. بۇ زۇلۇملاردىن خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خەۋەر تېپىپ << خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان بىر قىلمىش >> دەپ ئەيىبلىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ