<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاينىڭ مەخپى ھۆججىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى چەكتىن ئاشقان دىنى چەكلىمىنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-23 11:15:46 جەمئى 6893 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاينىڭ مەخپى ھۆججىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى چەكتىن ئاشقان دىنى چەكلىمىنى ئاشكارىلىدى

خىتاينىڭ مەخپى ھۆججىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى چەكتىن ئاشقان دىنى چەكلىمىنى ئاشكارىلىدى
22- ئىيۇن خىتاي رىجىمى 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 19- كۈنى تارقاتقان «24-» نومۇرلۇق مەخپى ھۆججەت شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنى چەكلىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
« يىڭى ۋەزىيەتتە ئىسلام دىنى خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى تەكلىب» ناملىق مەخپى ھۆججەت خىتاي رېجىمنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان چەكلىمە ۋە كونترولنى كۈچەيتىش قىلىمىشىنى ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر ھۆججەتتە، ھەر قايسى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئازادلىق ئارمىيە، مەكىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى بارلىق بۆلۈم ۋە ئورگانلاردىن ئىسلام دىنىنىڭ «خىتايلاشتۇرۇش» نى چەتكە قاقىدىغان خاھىشلىرىنى چەكلەش ۋە ئۆزگەرتىش تەلەپ قىلىنغان ھەمدە خىتاينىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا خادىملىرىدىن ئاكتىپ ھالدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان دىنى زاتلارنى تەبىيىلەش يېتەكلەش كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى خىتاي رىجىمى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا تەشۋىق قىلىۋاتقان ختاي ئاساسى قانۇندىكى « خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىغا ئىشىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكى بولىدۇ. دىنغا ئىشەنگەنلەر ئىشەنمىگەن كىشىلەرنى دىنغا ئىشىنىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ» دېگەن قانۇنىنى ئىنكار قىلىپ، خىتاي دىنغا ئالاقىدار قانۇنىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈنلا يولغا قويۇلغانلىقىنى، خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارلىدى.
مەخپى ھۆججەتتە يەنە، ئىسلام دىنى پائالىيەت سورۇنلىرىدىكى بارلىق قۇرلۇشلارنىڭ بېزىلىشى، دىنى مۇراسىم، پىكىر بايان قىلىش، ئەرەب تىلى ئىشلىتىش قاتارلىق ساھەلەردە دىنى ئەسلىيەتچىلىك، دىنى پۇراق ۋە ئەرەبلىشىش بەلگىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئازايتىش ھەمدە يېڭى سېلىنغان ۋە كېڭەيتىلگەن دىنى پائالىيەت سورۇنلارنىڭ ياسىلىش ئۇسلۇبىدا خىتايچە ئۇسلۇبنىڭ گەۋدىلەندۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.
تەھلىلچىلەر: مەزكۇر مەخپى ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خەلقئارادىن يۇشۇرۇپ ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنى چەكلىمىلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ خىتاينى رەسۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ