ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان چېگىرىسىدا ھەربىي بازا سالماقچى بولغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-08 17:54:04 جەمئى 1558 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان چېگىرىسىدا ھەربىي بازا سالماقچى بولغان

خىتاي ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان چېگىرىسىدا ھەربىي بازا سالماقچى بولغان
7- يانۋار eurasıanet تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئافغانىستان، تاجىكىستان چېگرىسىغا ھەربىي بازا سالماقچى بولغان.
خەۋەردە، ئافغانستان يۇقۇرىي دەرجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى، خىتاي بەدەخشان ۋىلايىتىدە ئافغانستان ئارمىيىسىگە بازا قۇرۇپ بەرمەكچى بولغانلىقى، ئەگەر بۇ پىلان ئەمەلىيلەشسە خىتاينىڭ تاجىكىستانغىمۇ ھەربىي مۇداخىلە قىلالايدىغانلىقى، خىتاينىڭ يۇقىرىقى پىلانلىرىنىڭ ھەممىسى بەدەخشان تەمىنلەش كارىدۇرى قۇرلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئالدىنقى ئايدا ئافغانستان دۆلەت مۇداپىئە ۋەكىللىرى خىتاي زىيارىتىدە خىتاينىڭ ئافغانسىتانغا يىڭى بازا قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان كىلىشىمنىڭ ئاللىبۇرۇن مۇقىملىشىپ بولغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلاردا بارلىق ساھەلەردە، بولۇپمۇ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئويلاشقانلىقى، ھەربىي بازىغا كېتەرلىك قۇرال- ياراق، ئەسكىرى كىيم، ئەسكەرلەر قوراللىنىدىغان بارلىق لازىمەتلىكلەرنى خىتاي تەمىنلەيدىغان بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يېقىنلىشىشىدىن قورقۇپ، يۇقۇرىقى تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقانلىقى، خىتاي بازا سالماقچى بولغان ئورۇنلارنىڭ ھەممسى خىتاي تاجاۋۇز قىلىپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا تۇتىشىدىغان تاغلىق رايونلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ