ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىغىچە نازارەت قىلىشقا باشلىغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-12-30 15:56:50 جەمئى 2237 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىغىچە نازارەت قىلىشقا باشلىغان

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشلىرىغىچە نازارەت قىلىشقا باشلىغان
29- دېكابىر دۇنيا پوچتا گېزىتى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، مۇتەخەسىسلەر:‹‹ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرى جاۋشيەن ۋە جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىقنى ئەسلىتىدۇ ›› دېگەن.
خەۋەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا قىشلاقلارغىچە كۆزىتىش كامېراسى قويغانلىقى، ناھىيە، شەھەرلەردە 500 مېتىر ئارىلىقتا ساقچى پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنى ھەربىي بازىنى قوغدىغاندەك ساقلىنىۋاتقانلىقى، يوللاردىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكىنىسى ئورناتقانلىقى، ھەتتا ئۇيغۇلارنىڭ ئىدىيە- ئېڭى،  ئائىلىۋىي تۇرمۇشلىرىغىچە نازارەت قىلىشقا باشلىغانلىقى، يېقىندا ئامېرىكا مۇخبىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىشتا ھېچقانداق قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي چەكلىمىسىنىڭ يوقلىقىنىڭ ئاشكارا بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە، يىڭى ئورلان لويولا ئۇنىۋېرسىتى ( Loyola University) تارىخشۇناس ران توم ئەپەندى(  Rian Thum): << خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىلىرىدە چاۋشيەننىڭ ئۆز خەلقىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتى، ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى كونترول قىلىش قىلمىشى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىرقىي ئايرىمچىلىق جىنايەتلىرى ، ھەمدە ئەقىلىي ئىقتىدارغا ئىگە تېخنىكلار بىرلەشتۇرۇلگەن كونترول قىلىش ھالەتلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، بۇلارغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئەھۋال >> دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ