ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ۋەدىنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-07 16:10:35 جەمئى 1585 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ۋەدىنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى

خىتاي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ۋەدىنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىدى
7- نويابىر خىتاي ئاخباراتلىرىدا تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى خەۋەرلىرى تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ۋە مىللى مەدەنىيىتىنى يوق قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئائىلىسدە ئىلگىرى نەشىر قىلنغان كىتاب ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرى بولماسلىق ھەققىدىكى كاپالەتنامىگە قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.
يېقىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 79- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلسىدە يۇشۇرۇپ ساقلىغان كىتاب، ئۈن- سىن بويۇملىرىنى مەلۇم قىلىپ مەكتەپكە تاپشۇرۇش ھەققىدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىر پارچە ۋەدىنامە تارقاتقان.
ۋەدىنامىگە ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئىسمى ، يېشى، ئوقۇغان مەكتىپى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ تاپشۇرغان كىتاب ۋە ئۈن- سىن بويۇملىرىنىڭ سانىنى تولدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
ۋەدىنامىنىڭ ئاخرىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە كوممونسىتىك پارتىيىنىڭ دىن، تارىخ كۆز قارشى، ماركىسىزىمنىڭ بەش ئاساسى پىرىنىسپ روھىغا خىلاپ بولغان كىتابلارنىڭ بولماسلىقىغا ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كىتاب سېتىۋالغاندا خىتاي كوممۇنسىتلىرىنىڭ يۇقۇرىقى نۇقتىئىنەزىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان كىتابلارنى سېتىۋالماسلىققا كاپالەت قىلىشقا ۋەدە بىرىپ قول قويۇشقا مەجبۇرلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ