ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي بۈگۈن جەنۋەدە تارىخى سوراققا تارتىلدى

خىتاي بۈگۈن جەنۋەدە تارىخى سوراققا تارتىلدى
6 – نويابىر شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ب م ت كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا خىتاي تارىخىي سوراققا تارتىلدى.
ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 6‏-نويابىر خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنى ئويۇشتۇردى.
مەخسۇس يىغىنىغا ئامېرىكىدىن تارتىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىز ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
خىتاي بولسا بۇ يىغىنغا تېخى يېقىندىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنى خىتايغا باغلىغان ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى خىتايپەرەست ياسىن سىدىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ھەيئەت بىلەن قاتناشتى.
تۈركىيىدىن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن بىرلىك رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە مائارىپ جەمئىيىتى باش كاتىپى مۇساجان ئەر قاتناشتى.
يىغىن مەيدانى ئالدىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان خەلقىمىز خىتايغا قارشى شۇئارلانى توۋلاشتى ۋە خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە « ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق»، ھەقىقىي ھۆرلۈك كېرەكلىكىنى شۇئارلىرى ئارىسىدا پات پات تىلغا ئالدى.
بۇ كەڭ كۆلەملىك يىغىنغا تىبەت تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باشلىق ھەرقايسى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئايرىم ئايرىم سۆزى قىلدى.
يىغىندا:
1ئاۋىسىترالىيە ھۆكۈمىتى، چېخ جۇمھۇرىيىتى، دانىيە ھۆكۈمىتى فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى فرانسىيە ھۆكۈمىتى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتى، ئىرلاندىيە ھۆكۈمىتى، ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى، كانادا ھۆكۈمىتى، شۋىتسىيە ھۆكۈمىتى، شىۋىتسارىيە ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ھەممسى ئۇيغۇر مەسلىسنى ئۇتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى ( تىتىرەپ تۇرۇپ / soft language ) ئۇيغۇر مەسلىسنى ئۇتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىنتايىن ئېنىق ۋە كۈچلۈك ھالدا ئۇيغۇر مەسلىسنى ئۇتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا تۈركىيە ۋەكىلى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
تۈركىيە خىتاي سۇنغان خەلقئارالىق دوكلاتتا ئېيتىلغانلارنى، بولۇشى كېرەك بولغان ئەقەللىي ئىشلار سۈپىتىدە كۆرىدۇ. سەھىيە، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئازسانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان پلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدىكى يېڭىلىقلار قاتارلىق مەزمۇنلار ئەلۋەتتە ئېتىبارىمىزغا ئېلىندى. بۇنىڭ بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ھەممە تەرىپىنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ پەرقلىق كىملىكتىكى پۇقرالارنىڭ تىلى ۋە دىنىنىڭ قوغدىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر ئۈچۈن بۇ شۇنداق.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشقۇنلۇققا قارشى سەزگۈرلۈكىنى بىلىپ تۇرغىنىمىزدەك، بەزى باشقۇرۇش سىياسەتلىرىمۇ ئەندىشە تۇغدۇرماقتا. بۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىققە قارشى چەكلىمىدىن ئىبارەت. بۇ چەكلىمىلەرنىڭ ئىچىگە پۇقرالارنى قانۇنسىز تۇتۇپ سولاش، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ئۇلاردىن تولۇق ئايرىۋېتىش قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈش مۇمكىن. بۇلارنى چىقىش قىلغان ئەھۋالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتلەردە خەلقئارا جەمئىيەتكە يېقىنلىشىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىمىز.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ