ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي بېيجىڭدا سېپىل ياسىدى

خىتاي بېيجىڭدا سېپىل ياسىدى
17- ئۆكتەبىر ھىندىستان ئىشەنچ خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسى يېغىنى ھارپىسىدا، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئون مىڭ كلو مېتر يىراقلىقتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قوراللىقلاردىن قورقۇپ بېيجىڭدا سېپىل ياسىغان.
خەۋەردە، خىتاي شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، باستۇرىۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تيەنئەنمىن مەيدانى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم ئورۇنلاردا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى قاتمۇ- قات ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇكاڭ مۇخبىرلارنىڭ << شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى تىل كامېرا، چىراي پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى، ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلىغۇچ قاتالىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئورنىتىلىشىنى، كۆپ سانلىق شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلارغا پاسپورت بېرىلمىگەنلىكى، چەتئەلگە ئۇچۇر يوللىغان شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ جازالىنىش ئەھۋاللىرىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ >> دېگەن سوئالىغا: << مەن ئەزەلدىن بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. شىنجاڭدىكى ( شەرقي تۈركىستاندىكى) مۇسۇلمانلار تىنىچ ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۇرىۋاتىدۇ>> دەپ يالغان ئېيتىپ شۇنچە كۈچلۈك دەلىل ئىسپاتلارنى ئىنكار قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۇكاڭ << ئۇيغۇرلارنىڭ شىنجاڭدا( شەرقىي تۈركىستاندا )خەنزۇ پۇقرالىرىنىڭ كۆپىيىپ قېلىشىغا قارشى تۇرۇش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى بېسىقماقتا، خىتاي ئىراق ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئالاقىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكتى قوراللىقلىرى بىلەن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، ھازىر قولغا ئېلىنغانلار تېررورلۇققا چېتىشلىق بولغانلار>> ، دەپ يالغان ئېيتىپ، مۇخبىرلارنى ئالدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ