ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تاقىۋالغان مەسچىتلەرنى نىمىگە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-03 12:24:48 جەمئى 4298 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تاقىۋالغان مەسچىتلەرنى نىمىگە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟

خىتاي تاقىۋالغان مەسچىتلەرنى نىمىگە ئىشلىتىۋاتىدۇ؟
1- نويابىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئىسلام دىنىنى يوقۇتۇش مەقسىتىدە بىر قسىم مەسچىتلەرنى تاقاپ قوراللىق قىسم ۋە باشقا ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن.
خەۋەردە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىخەنزە شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنى تاقىۋېلىپ قوراللىق قسىمنىڭ مەشىق ئورنى قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئىككى ئاي ئىلگىرى مەركۇر مەسچىتنىڭ كۆپ سانلىق جامائىتىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 17 ياشلىق بىر قىزنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ قىزنى تۇتۇپ كېتىشتىكى باھانىسى قىزنىڭ ئىلگىرى مەسچىتتە قۇرئان ئوقۇغانلىقى ئىكەنلكىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە، شىخو شەھىرىدىكى باشقا بىر مەسچىتنى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلار ئىبادەت قىلىۋالمىسۇن دەپ كۆزەتچى قويۇپ قويغانلىقىنى، باشقا بىر مەسچىتنى تاقاپ مەسچىت ئىمامىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، مەسچىتكە ناماز ئوقۇشنى چەكلەش ئۈچۈن نازارەتچى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن مەسچىتنى تاقىغاندىن سىرىت بىر ئائىلىدىن بىر قانچە كىشىنى لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ھەتتا نۇرغۇن ئائىلىدە ئادەم قالماي ئائىلە تاقىلىپ قالغانلىقىنى، 60 ياشلىق خەيرىگۈل ئىسىملىك ئايالنىڭ ئائىلىسىدىن 10 كىشىنىڭ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ