ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى خىتاي تىلدا ئالاقە قىلىشقا مەجبۇرلىغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-13 19:31:08 جەمئى 2609 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى خىتاي تىلدا ئالاقە قىلىشقا مەجبۇرلىغان

خىتاي تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى خىتاي تىلدا ئالاقە قىلىشقا مەجبۇرلىغان
12- يانۋار تىبەت ئاۋازى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئامېرىكىدىكى دىئالوگ ۋەقپ دوكلاتىدا خىتاي تەسىس قىلغان تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىسىتاندىكى تۈرمىلەردە مەھبۇسلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، خىتاي تىلىدا ئالاقە قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا خىتاي تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، ئىچكى مۇڭغۇل قاتارلىق رايونلاردىكى چوڭ شەھەرلەردە خىتاي تىلى ئىشلىتىشنى 90% ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولغانلىقىنى، ئوندىن باشقا يېزا- قىشلاق ، تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئىشخانا، مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا مىللىي تىل يېزىق ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، مىللىي ھېسسىياتنى ئاجىزلاشتۇرغانلىقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا، ھەمدە گۇۋڭدۇڭ، گۇۋاڭشى قاتارلىق رايونلاردا مەھبۇسلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋاقتىنى 30 مىنۇت قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى، مەھبۇسلار تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي تىلدا ئالاقە قىلىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، تۇغقانلىرى بىلەن خىتاي تىلىدا ئالاقە قىلغانلارنىڭ كۆرۈشۈش ۋاقتى 30 مىنۇت تولۇق بېرىلگەنلىكىنى ، خىتاي تىلىدا ئالاقە قىلمىغانلارغا پەقەت بەش مىنۇتلا ۋاقىت بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ