ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تۈرمە قائىدىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-12-15 12:42:10 جەمئى 3455 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تۈرمە قائىدىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىردى

خىتاي تۈرمە قائىدىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلىلەرگە ئېلىپ كىردى
15- دېكابىر جۇڭشىن خەۋەر تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەمدە خىتاينىىڭ شەرقىي تۈكىستاندىكى قونچاق ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي كادىرلىرىنى تۇۋەن قاتلامغا چۈشۈرۈپ << قوشماق تۇغقان ھەپتىلىك پائالىيىتى>> نى قوزغاتقان 
خەۋەردە، خىتاي بۇ پائالىيەتنى مىللەتلەر ئىتتىپاقىدىكى << قوشماق تۇغقان ھەپتىلىك پائالىيىتى>> دەپ ئاتىغانلىقى، بۇ پائالىيەت 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى 100 نەچچە مىڭ قونچاق ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي كادىرلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن مەجبۇرى  قوشماق تۇغقان قىلىپ،<< بىرگە تۇرۇش، بىرگە تاماق يىيىش، بىرگە ئىشلەش، بىرگە ئۆگىنىش قىلىش>> تىن ئىبارەت قائىدىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقى، بۇ خىل پائالىيەت ئۆتكەن يىلى 11- ئايدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلغانلىقى، ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن مەجبۇرى تۇغقان قىلىنغان خىتاي پۇقراسى ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ نازارەت قىلىش قائىدىسىنى يولغا قويغانلىقى، بۇ يىل تېخىمۇ ئىچكىرلەپ << بىرگە تۇرۇش، بىرگە تاماق يىيىش، بىرگە ئىشلەش، بىرگە ئۆگىنىش قىلىش>> قائىدىسىگە مەجبۇر قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىغان.
بۇ خەۋەردىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە، ئۈچ - تۆت مەھبۇسنى بىر گۈرۈپ قىلىپ << ئۆز- ئارا نازارەت قىلىش ، ئۆز- ئارا چەكلەش ، بىرگە ئۆگىنىش، بىرگە پائالىيەت قىلىش>> تىن ئىبارەت قائىدىنى مەجبۇرى ئەمىلىلەشتۇرگىنىدەك، تۈرمە قائىدىلىرىنى شەرقىي تۈركسىتانلىقلارنىڭ  ئائىلىلىرىگە ئېلىپ كىرپ،، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئائىلىسىدىكى ناماز ئوقۇش، ئۆي ئىچى ئەھۋالى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتالىق ئەھۋاللارنى نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ