ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تېررور تەھدىتنى كۆككە كۆتۈرۈپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-10 16:23:15 جەمئى 2872 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تېررور تەھدىتنى كۆككە كۆتۈرۈپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقتا

خىتاي تېررور تەھدىتنى كۆككە كۆتۈرۈپ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالدىماقتا 

9- يانۋار F T خىتايچە تورىدا خىتاي ئەمەلدارىنىڭ << سۇرىيەدىن زور تۈركۈمدە قايتقان جاھاتچىلار شەرقىي تۈركىستان چېگرىسىغا بېرپ بولدى، ئۇلارنىڭ سانى 30 مىڭ كېلىدۇ>> دېگەن يالغان خەۋەرنى بەرگەن.
خىتاي ئەمەلدارىنىڭ مەزكۇر سۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئازراق بىلىدىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. خىتاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىىستانلىقلارنى خەلقئاراغا بىلدۈرمەي باستۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغا ئىرقىي ئايرىمچىلىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى << ئەسەبىيلىك >> قاتارىدا باستۇرۇشى، ھەتتا خىتاي تەپتارتماستىن << قۇرئان كەرىم >>دە ئەسەبىيلىك مەزمۇنلىرى بار ، دېگەن باھانىدا شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قولىدىكى << قۇرئان كەرىم >> نى مۇسادىرە قىلدى. كىشنىڭ ئەقلىگە كەچمەيدىغان تۆھمەتلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش تەبىيىلەش لاگېرىغا قامىدى. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايغا دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرگەن بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا << تېررورچى >> بار ، دېگەن تۆھمەتكە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىشەندۈرەلمىگەن خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ چېگرا سىرتىدىكى 30 مىڭ ئەمەس 1000 غا يەتمەيدىغان قوراللىقلارنى مۇبالىغە قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن ئېلپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىنى ھەقلىق كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ