ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي جەنۋە يىغىنىغا قاتتىق تەييارلىق قىلدى.

خىتاي جەنۋە يىغىنىغا قاتتىق تەييارلىق قىلدى.
3-نويابىر شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەردە بىلدرۈلىشچە،خىتاي دائىرلىرى 6-نويابىردىن 9- نويابىرغىچە جەنۋەدە ئېچىلىدىغان ب م ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 3- نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلغان.
خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بايانات بېرىپ ،خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتتىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا << ئىنسانىي ھوقۇق دوكلاتى>>نى تاپشۇرغانلىقىنى ، بۇ قېتىملىق يېغىنغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لې يۈ چېڭ بىلەن ئالاقىدار مىنىستىرلار، شىنجاڭ ( شەرقىي تۈركىستان)، تىبەت ۋە خوڭكوڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بېرىشقا تەييارلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب م ت ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى 8-ئايدا خىتاينىڭ ئەھدىنامىنى ئىجرا قىلىش ئەۋالىنى كۆرۈپ چىققاندا، <<قايتا تەربىيىلەش مەركىزى>> ھەققىدە سورىغان. لېكىن خىتاي ئەمەلدارلىرى <<قايتا تەربىيىلەش مەركىزى>> نىڭ مەۋجۇتلىقىنى قەتئىي ئېتىراپ قىلمىغان. خىتاي دائىرىلىرى 10-ئايغا كەلگەندە لاگېرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق پەردازلاپ كۆرسىتىپ <<كەسپىي تېخنىكا تەربىيىلەش مەركىزى>> نامى بىلەن ئاتىغان ھەم لاگېرلارنى ئەسەبىيلىكنى زەربە بېرىش دەپ ئاقلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە، خىتاي دائىرىلىرى 9-ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، شەرقىي تۈركىستاندا نەزەربەنىت قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى باشقا رايونلارغا يۆتكىگەن.
تەھلىلچىلەر: بۇ قېتىملىق يىغىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدا خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلىمىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: مۇكەررەم


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ