ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي قولىنى چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزارتقان

خىتاي قولىنى چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزارتقان
19- دېكابىر liberty times netخەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەقسەتلىك تېررورچىلار بىلەن چېتىپ، سەۋەپسىز تۇتۇپ قاماپ شەرقىي تۈركىستاندا قورقۇنچلۇق باشقۇرۇشنى ۋاسىتىسىنى كۈچەيتكەن، ھەتتا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قورقۇنچلۇق قولىنى ئۇزارتقان.
خەۋەردە، خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا گۇۋاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن زور مىقداردا قوراللىق قىسىم يۆتكەپ كىلىپ كوچا دوقمۇشى، تۆت يول ئېغىزلىرىدا قوراللىق تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرغانلىقى، كورلىنىڭ خېجىڭ ناھىيسىدە 40 نەچچە برونىك كوچىدا چارلاش قىلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شەرقىي تۈركستاندىكى يەرلىك ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان پەيىتتە، مېھمانخانىنىڭ ئەتراپىنى خىتاي ساقچىلىرى قورشاپ، ئاممىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن زىيارەت قىلىش رۇخسىتى ئالمىغان دېگەن تۆھمەت بىلەن 11 سائەت توختىتىپ قويۇپ سوراق قىلىنغانلىقى، مۇخبىر ئون نەچچە ئۇيغۇرنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنى چەكلىگەندىن باشقا، ماشىنىسى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش ئۈسكىنىسى ئورنىتىشقا مەجبۇرلارنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى سالىھ خۇدايار بۇ يىل يازدا دادىسى بىلەن بىر قېتىم تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ئاتا- ئانسى بالىسىدىن ۋەتەنگە قايتىشىنى قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ تەلەپ قىلغانلىقى بىراق سەۋەبىنى ئېيتالمىغانلىقىنى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى بالىسىدىن تېلېفۇن قىلماسلىقىنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، ئامېرىكىدىكى بىر ئوقۇغۇچىغا خىتاي ساقچىلىرى تېلېفون قىلىپ، ئامېرىكىدا خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلسىلا ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن ئالاقە قىلالايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ