ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي كانادا تەۋەلىكىدىكى خىتايغا قارىشى پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت سالغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-11 12:49:47 جەمئى 740 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي كانادا تەۋەلىكىدىكى خىتايغا قارىشى پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت سالغان

خىتاي كانادا تەۋەلىكىدىكى خىتايغا قارىشى پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت سالغان
11- يانۋار ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، كانادادىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلات بىرلەشمىسى  يىل بېشىدا كانادا ھۆكۈمىتىگە  بىر پارچە مەخپى دوكلات سۇنغان.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ كانادا تەۋەلىكىدىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرگە قوقاق ۋە تەھدىت قىلغانلىقى، دوكلات تاپشۇرغان تەشكىلات بىرلەشمىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە كانادادىكى ئەركىن تىبەت تەشكىلاتىنى قوللايدىغان 15 ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ بىرلەشمە كىشىلەرگە ئاشكارىلانمىغان.
دوكلاتتا، كانادالىق بىر تەنقىدچى ئۆتكەن يىلى خىتايغا بارغاندا خىتاي ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئادەم سېلىپ ئەگەشكەنلىكى، ئۇ ياتقان مېھمانخانىلارنىڭ يېنىدىلا ياتاق ئالغانلىقى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن جاسۇس ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ، كاناداغا بارغاندىن كىيىن خىتاي ئىچىدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقسا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكنى، ھەتتا خىتاي كانادا تەۋەسىدە ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ