ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغان

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-22 11:48:18 جەمئى 15498 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغان

خىتاي لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغان
21- سىنتەبېر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقي تۈركىستاندا لاگېرنىڭ بارلىقنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، لاگېردا ئۇرۇپ خارلاپ تەن جازاسى بىرىش ئەھۋاللىرىنىڭ ھەر كۈنى بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، گۇندىپايلار ھەر ۋاقىت بىرەر ئىككى ئادەمنى سىرىتقا ئېلپ چىقىپ ئۇرۇپ خورلايدىغانلىقىنى، خورلۇققا چىدىماي ۋاقىرىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشى ئازابلىنىدىغانلىقىنى، گۇندىپايلارنىڭ تۇتقۇنلارنى ئۇرۇپ ئۆز كۆڭلىنى ھوزۇرلاندۇرۇشتىن باشقا ھېچقانداق مەقسىدىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى لاگېرلار مەسىلىسىگە دىققىتىنى ئاغدۇرۇشقا باشلىغان بىر پەيىتتە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا قامىغان ئىككى مىليون تۇتقۇننى خىتاينىڭ ھەر قايسي ئۆلكىلىرىگە تارقىتىشقا باشلىغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇنلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا قاتناشقان ساقچىلارنى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش ئەھدىنامىسىغا قول قويۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
9- ئاينىڭ 5- كۈنى مىڭخۇي تۇرىغا خىتاينىڭ ئىچكى قىسىمدا خىزمەت قىلىدىغان بىر ساقچى ئۇچۇر بىرىپ، خىلۇڭجىياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرىگە بىۋاسىتە قارشلىق تەيلەي ناھىيىسىدىكى بىر تۈرمىدە شىنجاڭدىن ( شەرقىي تۈركسىتان)دىن يۆتكەپ كېلىنگەن بەش مىڭدەك تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى، بۇ تۇتقۇنلارنىڭ سالاھىيىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى، ئەسلىدە تەيلەي تۈرمىسىدە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ خىلوڭجىياڭ ئۆلكىسى ئچىدىكى باشقا تۈرمىلەرگە يۆتكىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر خەۋەرنى كۆرگەن تورداشلار ئۆزنىڭ ئەنسىرەشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى فالۇنگۇڭ ئەزالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچى ئەزالىرىنى ئېلىپ سېتىپ زىيانكەشلىك قىلغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ لاگىردىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇشتا بىرى ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىش، يەنە بىرى چەتئەللىك مۇخبىرلار لاگېرغا كىرىپ قالسا« لاگېر» دېگەن نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان دىيىشكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ