ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي لاگېرغا قامالغانلارنى ئۈچ گورۇپپىغا بۆلگەن

خىتاي لاگېرغا قامالغانلارنى ئۈچ گورۇپپىغا بۆلگەن
28- ئىيۇن china aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رىجىمى ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى»دىكى مەھبۇسلارغا ئۈچ باسقۇچ بويىچە مۇئامىلە قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ئاينۇر خانىمنىڭ ئوغلى ئارشىن قازاقىستاندىكى دوستى بىلەن يانفون ئالاقىسى قىلغانلىق باھانىسى بىلەن ئاتالمىش « تەبىيىلەش لاگېرى»غا قامالغان.
ئاينۇر خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، خىتاي رىجىمى ئوغلىنى قورغاس ناھىيىسى چىڭسىخوزا بازىرىدىكى لاگېرغا قامىغانلقىنى، ئوغلىنى قۇتۇلدۇرش ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ج خ ئىدارىسى ، ئەدلىيە ئىدارىسى قاتارلىق قورچاق ئورگانلىرىغا بارغاندا ئۇلار بىردەك «لاگېرغا كىرگەنلا كىشىنىڭ ئامالىنى بىز قىلالمايمىز، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندا ئاندىن چىقىپ كىتىدۇ» دېگەنلىكىنى، لاگېرغا قامالغانلارنىڭ ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈم مۇئامىلە قىلىنىدىغانلىقىنى، بىرىنچى باسقۇچ قاتتىق باشقۇرۇش باسقۇچى ئىكەنلىكى بۇ باسقۇچتىكى ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندىن لاياقەتلىك بولغان مەھبۇسلارنىڭ ئادەتتىكى گۇرۇپپىغا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى، ئادەتتكى گورۇپپىدا ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يېنىكلىتىپ باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئاينۇر خانىم مۇخبىرغا يەنە، ئىمتىھان مەزمۇنى ئاساسەن« قانونسىز دىنى پائالىيەتنىڭ 26 خىل ئىپادىسى »نى خىتايچە يادلاپ بىرىش، خىتايچە ئۆگىنىش قاتارلىق بىر قانچە تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى ، ياشانغان كىشىلەر ھەتتا ساۋاتسىز كىشىلەردىنمۇ يادلاش تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ياشانغانلار تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ئاشكارلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ