ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي مەجبۇرى تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەڭشىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-04 11:47:15 جەمئى 9742 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي مەجبۇرى تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەڭشىدى

خىتاي مەجبۇرى تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قايتا تەڭشىدى
4- ئىيۇل خەلق گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رىجىمى 2016- يىلىدىن باشلاپ 2018- يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئائىلسىگە 110 مىڭ كوممۇنىستنى 160 مىڭ ئائىلىگە مەجبۇرى تۇغقان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغان.
خەۋەردە خىتاي 2016- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگە خىتاي كوممۇنىست ئىشىچى- خىزمەتچىلىرىنى ياتاقلىق مەجبۇرى تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتىنى باشلىغان. خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇرلارنى كوممونىستلار بىلەن بىرگە يېتىپ – قوپۇش، بىرگە تاماق يىيىش، بىرگە ئىشلەش، بىرگە ئۆگىنىش قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
خىتاينىڭ ئاتالمىش تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتى تونجى بولۇپ 2016- يىلى 11-ئايدا جاللات چىنچۈۋەنگونىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيىسى شەنبە بازار يېزىسى ئۇرۇقچىلىق كەنتىدىن توختىخان قۇربان ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ئۆيىگە مەككارلارچە يوقلاپ بېرىش بىلەن باشلانغان. كېيىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىستلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيلىرىگە ماراقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
خىتاي رىجىمى « تۇغقانلاشتۇرۇش» دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلسىگە، ئائىلە مەخپىيەتلىكى، ئائىلىدىكى غورورىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلىقنىڭ ئائىلىدە نېمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى ، ئىدىيە ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى، كىملەر بىلەن ئالاقىسى بار ئىكەنلىكى، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قانداق قاراشتا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى مارىلاپ كۆزەتكەن.
2016- يىلىدىن ھازىرغىچە تۈرمىگە ياكى ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنى تۇغقانلىشىش نامى بىلەن خەلقىنىڭ ئائىلسىگە كىرگەن تاجاۋۇزچى كوممونىستلار تۇتۇپ بەرگەن.
2018- يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندىكى ئاتالمىش قورچاق ئورگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاتالمىش « تۇغقانلاشتۇرۇش » سىياسىتىنى دائىملىق سىياسەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يىللىق كوممۇنىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆيىگە بېرىش – كېلىش داۋامىدىكى خىراجەتلىرى ئۈچۈن 200 مىليون يۈەن ئاجراتقان. ئۇندىن باشقا كوممۇنىستلارنىڭ ئائىلىلەرگە بېرىش- كېلىشى ئۈچۈن مەخسۇس قاتناش ئورۇنلاشۇرغان. بۇ يىللىق ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەر قايسى دەرىجىلىك خىتاي كوممۇنىستلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلسىدە ئاز دېگەندە ئىككى ئايدا بەش كۈن تۇرۇپ نازارەت قىلىش تەكىتلەنگەن.
تەھلىلچىلەر: خىتاي رېجىمنىڭ ئاتالمىش« تۇغقانلاشتۇرۇش» نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلىقنىڭ ئائىلىسىگىچە كىرىپ جاسۇسلۇق قىلىش قىلمىشىنى دائىملىق سىياسەتكە ئۆزگەرتىشى خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈلمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ