ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي پۇل تاپقانلارنى تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە سولىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-12 10:28:07 جەمئى 8162 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي پۇل تاپقانلارنى تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە سولىدى

خىتاي پۇل تاپقانلارنى تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە سولىدى
11- ئىيۇل china aid تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا پول تاپقان سودىگەرلەرنىڭ ھەممىنى ئۇزۈن يىللىق كېسىۋەتكەن.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېگەن:« خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017 - يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا، خوتەن قاتارلىق رايونلاردىكى پۇللۇق سودىگەرلەرنىڭ ھەممىسىنى تۈرمىگە سولىدى. خىتاي ئۇلارغا « مىللى ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، مىللى كەمسىتىش ياكى دۆلەتنى پارچىلاش» دېگەندەك تۆھمەتلەرنى چاپلىدى . ئۇلارنىڭ ئىچىدە غۇلجىلىق ئۆي- مۈلۈك تىجارەتچىسى نۇرتاي ھاجىمنى 20 يىل كەستى. بانكىدىكى پۇلى بىر مىليونغا يىتىدىغان نۇرغۇن بايلار 10 يىلدىن 20 يىلغىچە كېسىلىپ تۈرمىگە سولاندى.
خىتاي ساقچلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن بايلارنىڭ ئائىلە كىشىلىرىگە«ھەقىقى ئەھۋالنى باشقىلارغا ئېيتماسلىق ھەتتا چەتئەلدىكى تۇغقانلىرىغىمۇ بىلدۈرمەسلىك» نى تاپىلاپ تەھدىت سالدى. شۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى نۇرغۇن تراگېدىيىلەر خەلقئاراغا ئاشكارىلانماي كېلىۋاتىدۇ.
تەھلىلچىلەر: خىتاي ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ھەممىنى تۈرمىگە سۇلاپ يوقۇتىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىشتىكى مەقسىدى ئۇيغۇرلارنى ئوميۈزلۈك ئىقتىسادتىن ئايرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ يولسىزلىقلىرىغا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان ئىقتىساد مەنبەلىرىنىڭ ئۈزۈپ تاشلاپ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا موھتاج قىلىش ئارقىلىق كونترول قىلىش پىلانىنى تۈزگەن دېيىشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ