ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي پۈتۈن دەرسلىكلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتمەكچى بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-03 15:12:45 جەمئى 1209 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي پۈتۈن دەرسلىكلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتمەكچى بولدى


خىتاي پۈتۈن دەرسلىكلەرنى خىتاي تىلىدا ئۆتمەكچى بولدى
2- ئىيۇن يەر شارى ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى 3 مىليونغا يېقىن ئوقۇغۇچىغا «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىش» پروگراممىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە خىتاي رېجىم يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل سېنتەبىردىن باشلاپ 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى 2 مىليون 940 مىڭ ئوقۇغۇچىغا «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىش» نى ئۆگىتىشنى پىلانلىغانلىقى، خىتاي رېجىمنىڭ قورچاق ئورگىنى بولغان ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017‏-يىلى 7‏-ئايدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا بارلىق باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بىردەك خىتاي تىلى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغانلىقى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچى يەرلىك قورچاق ئەمەلدارلانىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قاتارىدا ھېساپلىنىپ جازالىنىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

خەۋەردە يەنە، 2017‏-يىلى مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى 1 مىليون 880 مىڭ ئوقۇغۇچى ئورتاق خىتاي تىلى تەربىيسى ئالغانلىقى، خىتاي رېجىمنىڭ رەزىل پىلانى بولسا 2020‏-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «خىتاي تىلىدا ئۆلچەملىك سۆزلەش ۋە يېزىشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى، مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كۆپ مىقداردا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغانلىقى، يېقىندا يېڭىسار ناھىيىسى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئېلان چىقارغانلىقى، گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى 2‏-ئىيۇل كۈنى مەزكۇر ناھىيىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 570 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ