ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىغانلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-17 11:04:54 جەمئى 21242 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىغانلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۇقتۇردى

خىتاي ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىغانلارنىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشىنى ئۇقتۇردى
16- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى جىنايەت قاتارىدا مۇئامىلە قلىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئىپادىلىرىنىڭ ھەممىنى جىنايەت قاتارىغا تىزغان.
ئۇقتۇرۇشتا ئېلان قىلىنغان ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەر:
Zapya ئارقىلىق تام ئاتلاپ ھەر خىل دىنغا ئالاقىدار سىنلىق كۆرۈنۈش ۋە مەزمۇنلارنى چۈشۈرگەنلەر، ئۇزۇن كىيىم كېيگەن ئاياللار ، باشقىلارنىڭ دەۋىتى بىلەن ساقال قويغان كىيىن تەربىيە ئارقىلىق تۈزەتكەن ئەرلەر، پەرزەنتىنى دىنى ئوقۇشقا بىرىپ تەربىيە ئارقىلىق تۈزەتكەنلەر، باشقىلارنىڭ دەۋىتى ئاڭلىغان بىراق جىنايەت سادىر قىلمىغانلار ، ھازىر ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇقىملىق تەدبىرلىرىگە نارازى بولىدىغانلار، پەرزەنتىنى مەكتەپكە بەرمىگەن كېيىن تەربىيە ئارقىلىق تۈزەتكەنلەر، دىن نامىدا مىراس ئىشىغا ئارىلاشقانلار، ئۆي ۋە زىمىنىنى سېتىپ پۇل يېغىپ ھىجرەت قىلىشقا تەييارلىق قىلغانلار، يىمەكلىكلەرنى ھالال ياكى ھارام دەپ، ئايرىيدىغانلار.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارنى كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
زىمىستان تورى مۇخبىرى شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆپ سانلىق خەلقىنىڭ خىتاي ئۇقتۇرۇشتا ۋەدە قىلىپ، «ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىمىز» دېگەن سۆزىنى بىر خىل تۇزاق دەپ، قارايدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن.
ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىن بىر كىشى خىتاينىڭ « ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىمىز» دېگەن قىلتىقىغا ئالدىنىپ دوستى بەرگەن دىنى مەزمۇندىكى سىنلىق كۆرۈنۈشنى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. بىراق خىتاي ساقچىلىرى ئۆزىنى مەلۇم قىلغان كىشىگە كەڭچىلىك قىلمايلا قالماي، بەلكى مۇددەتلىك 15 يىل كەسكەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ