ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ دېڭىزلى مۇفتىسىنى زىيارەت قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-11 19:31:29 جەمئى 1250 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ دېڭىزلى مۇفتىسىنى زىيارەت قىلدى

خىتاي ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ دېڭىزلى مۇفتىسىنى زىيارەت قىلدى
خىتاينىڭ شاڭخەي شەھەرلىك مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتىتى ھەيئىتى باش مەسئۇلى بېي خۇا باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئىتى تۈركىيىنىڭ دېڭىزلى ۋىلايىتى مۇفتىسى مەھمەت ئاشىقنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلدى.
مۇفتى ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارىتىگە تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسى رەھبەرلىك ۋە تەپتىش ھەيئىتى باش مۇپەتتىشى ئىبراھىم خاتىپ ئوغلى، 23. نۆۋەتلىك ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى دېڭىزلى مىللەت ۋەكىلى مەھمەت سالىھ ئەردوغان، ۋىلايەت مۇفتى ياردەمچىلىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.
زىيارەت ئەسناسىدا دېڭىزلى ۋىلايىتىنىڭ باش مۇفتىسىنىڭ خىتاي ھەيئىتىدىن سورىغان سۇئالى خىتاي ھەيئىتىنى جىددىيلەشتۈردى.
ئۇنىڭ خىتاي ھەيئىتىدىن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دەپ بىلىنىدىغان شەرقىي تۈركىستان دەپ تونۇلغان رايوندا ياشايدىغان مۇسۇلمان تۈركلەرگە دۇنيا ئاخباراتىدا ۋە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا چىققان قاتتىق باستۇرۇش ۋە زۇلۇملارنىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا بولماسلىقىنى ئارزۇ قىلىمىز. بۇ ۋەقەلەر راستمۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالىغا:
خىتاي ھەيئىتى باشلىقى بېي خۇا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىنى بىلەلمەي ھىيلىگەرلىك بىلەن شۇلارنى ئىپادىلىدى:
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيتى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە ئوخشاش لايىك يەنى دىنسىز دۆلەتتۇر. قانۇنلىرىمىز تونىغان دىن مەنسۇپلىرىغا ئىبادەت قىلىش ئەركىنلىكىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا ياردەمچى بولۇۋاتىمىز. بۇ زىيارىتىمىزدە دۆلتىڭىزنىڭ كۆپ خىل دىن مەنسۇپلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشاش تەجرىبىسىنى سىلەردىن ئالغان مەلۇماتلار ئاساسىدا بىزدە خىزمەت قىلدۇرۇشقا غەيرەت قىلىمىز دېگەن جاۋابنى بەردى.
زىيارەت جەريانىدا خىتاي ھەيئىتىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن، ئۆز خەلقى شەرقىي تۈركسىتاندا خىتاي تەرىپىدىن قان قۇستۇرۇلۇۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىڭمۇ بولۇشى دىققەت تارتتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ