ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دوزاخقا كىرگەنلەر ئوتتا ئەبەدىي قالامدۇ؟

 

دوزاخقا كىرگەنلەر ئوتتا ئەبەدىي قالامدۇ؟

 

دوزاخقا كىرگۈچىنىڭ ئەبەدىي قېلىش قالماسلىقى ﷲ تائالانىڭ ئىختىيارىغا باغلىق. دوزاخقا تاشلانغان ھەممە كىشىنىڭ ئەبەدىي قېلىشى زۆرۈر ئەمەس. ﷲ تائالا سۈرە ئەنئامنىڭ 128 ـ ئايىتىنىڭ بىر قىسمىدا:<< ﷲ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ﷲ نىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ >> دەپ بايان قىلدى.

يەنە ﷲ تائالا مۇنداق دەيدۇ: << بەتبەختلەرگە كەلسەك، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، ئۇلار دوزاختا (ئېشەك ھاڭرىغاندەك) توۋلاپ نالە ـ پەرياد چېكىدۇ. (دوزاخنىڭ) ئاسمان ـ زېمىنى يوقالمايلا تۇرسا، ئۇلار دوزاختا پەرۋەردىگارىڭ خالىغان زامانغىچە داۋاملىق تۇرىۋېرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر >>.

ئاخىرەت ھاياتى توغرىسىدىكى يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەبىئەتتىن باشقا بولغان سىرلارغا نەزەر سالغان ئادەم، ئەلۋەتتە بۇنى ھەرگىز ئىنسان ئەقلىنىڭ ئويلاپ تاپقان گەپلىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەقلىدىن كېلىشىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پىكىر خىيالى ھەر قانچە كەڭ بولسىمۇ ھەركىمنى قايىل قىلدۇرىدىغان ئەقلى دەلىل بىلەن كۈچلەندۈرۈلگەن مۇنداق خەۋەرلەرنى ۋە ئىنسان سۆزى ئەمەس پەقەت ﷲ تائالانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاخىرەت ئالىمىنىڭ بەزى سىرلىرىنى كىشىلەرگە ئاشكارا ئۇقتۇرۇشى ۋە كىشىلەر ياخشى ئىشلارنى كۆپ ئىشلەش بىلەن ئاخىرەتكە تەييارلىق كۆرۈۋالىشى ئۈچۈن ۋەھيى قىلغان ئىلاھىي ۋەھيى ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئەقلى بىلەن ئويلاپ سۆزلىشى مۇمكىن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ