ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكى روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-09-08 17:35:46 جەمئى 17115 قېتىم ئوقۇلغان.

دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكى روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكى روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
7- سېنتەبىردىكى يىڭى شەپەق گېزىتى خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، « دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكى » رەئىسى دوكتۇر يۈسۈپ ئەلقەرداۋىي ئىسلام دۇنياسى ۋە ئەرەب ئەللىرىنى جىددىي ھەركەت قوللىنىپ، بىرما ئارمىيىسىنىڭ ئەرەكان مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىش ھەركىتىنى توسۇشقا چاقىردى.
باياناتتا، تۈركىيىنىڭ روھىنگىيا مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدە تۇرۇپ ، ئاكتىپ رول ئالغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەنلىكى، تۈركىيە پىرېزىدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردوئاننىڭ ئاكتىپ ھەركەت ۋە تەشەببۇسلىرىنى ئالاھىدە تەبرىكلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە، تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىر مەلۇت چاۋۇش ئۇغلۇ بىلەن تۈركىيە پىرېزىدىنتى رەجەپ تايىپ ئەردۇئاننىڭ ئايالى ئامىنە ئەردۇئاننىڭ بىرلىكتە، رۇھىنگىيا مۇسۇلمانلىرى پاناھلىنىۋاتقان بىنگالغا بارغانلىقى، ئۇ يەردە پاناھلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ داۋالىنىش ۋە ئورۇنلىشىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
باياناتتا يەنە، ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك تۇرۇۋىلىشلىرى تەنقىد قىلىنغان، ھەمدە ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭمۇ ئەرەكان مۇسۇلمانلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى توسۇش ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيتىنىڭ بارلىقى، ئۇلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا بولمايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ