ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمى كومتېتنىڭ قارارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، قۇرۇلتاينى  يىلمۇ-يىل  جىددىيلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش؛ يەنى  خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ جانلىق بولۇش؛ جىددىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا مەيلى ئىدىيە، مەيلى ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن ھازىر جاۋاپ ھالەتتە تۇرۇش؛ تەشكىلات ئىچىدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇرۇلتايدىن  كۈتىۋاتقان ئۈمىد ۋە تەلەپلەرگە تولۇق جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئالىي رەھبەر ۋە رەئىسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى توغرا تاپتى.

(بۇ قارار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ  5  -ئاۋغۇست ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتتى )

ئالىي رەھبەر ۋە رەئىسلىك تۈزۈمى بويىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى  قۇرۇلتايدا نازارەتچىلىك رول ئوينايدۇ؛  ئالىي رەھبەر نۆۋەتتىكى دائىمىي كومېتىت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ  ۋە  ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تەستىقىغا سۇنىلىدۇ؛ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى  رەئىسى  قۇرۇلتايدا   سايلام   ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى  بۈگۈن ئېچىلغان پەۋقۇلئاددە كېڭەيتىلگەن  يىغىنى ئارقىلىق  شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ يولباشچىسى،  ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورنىغا تەيىنلىدى. دائىمىي كومېتىت  بۈگۈندىن ئىتىبارەن خانىمنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ   ئالىي رەھبىرى   دەپ قوبۇل قىلىدۇ  ۋە ئەگىشىدۇ.

دائىمىي كومېتىت بۇ يىل 12 -نويابىر كۈنى پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەڭگۈلۈك ئالىي رەھبىرىلىك ئورنىنى  ئېلان قىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىگە تەستىقلىتىدۇ. قۇرۇلتاي مىيۇنخېندا ئېچىلىدۇ.

دائىمىي كومېتىت  پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا ، قۇرۇلتاينىڭ مەۋجۇت   نىزامنامىسىغا  تۆۋەندىكى ماددىلارنى قوشۇشنى تەكلىپ  سۇنىدۇ :

ئا)      قۇرۇلتاي رەئىسى قۇرۇلتاي ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا   ھەر  6  ئايدا بىر قېتىم ،  ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ؛ جىددىي مەسىلىلەر ئۈستىدىن پىكىر ۋە مەسلىھەت سورايدۇ.

ب)   دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم خالىغان ۋاقتىدا قۇرۇلتاي ئىچى -سىرتىدىن ۋەكىل تاللاپ ۋە تەيىنلەپ، خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىنى، مۇستەقىل ھالدا داۋاملاشتۇرىدۇ.

س)   دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم  قۇرۇلتاينىڭ  بارلىق سىمۋوللۇق يىغىن-پائالىيەتلىرىدە (جۇمھۇرىيەت كۈنى،  5- ئىيۇل ۋە 5-فېۋرال  ۋە بارىن ئىنقىلابى خاتىرىسى، ھېيت ۋە نورۇز پائالىيىتى، يېڭى يىل پائالىيىتى    قاتارلىق ) سەھنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىدۇ، ئېچىلىش نۇتىقى ياكى تەبرىك سۆزى سۆزلەشكە دەۋەت قىلىنىدۇ، ئالىي رەھبەر مۇراسىمغا قاتنىشالمىغان ئەھۋالدا يىغىن ۋە پائالىيەت ئۇنىڭ ھاۋالە سۆزلىرى بىلەن باشلىنىدۇ.

قۇرۇلتاي  بۇ قائىدىنى ئۆز تەركىۋىدىكى بارلىق تارماق تەشكىلاتلارنىڭ يۇقارقىچە سىمۋوللۇق يىغىن -پائالىيەتلىرىدىمۇ  ئىجرا قىلدۇرىدۇ.

د)   دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى   ئالىي رەھبىرى  رابىيە قادىر خانىمنىڭ  داۋا يولىدىكى بارلىق خىراجىتى ، جۈملىدىن  سەپەر ۋە ئىشخانا خىراجىتى قۇرۇلتاي تەرپىدىن تەمىنلىنىدۇ. ھەر بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي رەئىسى، ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ  بۇ چىقىملىرىنى تەمىنلەشنى  ئۆزىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىدۇ.

ئې)  ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا (بۇ قېتىمقى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايمۇ ئىچىدە) ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ ، زۆرۈر دەپ قارىسا، دائىمىي كومېتىتقا  بىردىن ئىككىگە قەدەر ھەيئەتنى تەيىنلەش ھەققى بولىدۇ. بۇ  ھەيئەت ياكى ھەيئەتلەر رەئىسلىكتىن باشقا ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلىنىدۇ،  قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن تەستىقلىنىدۇ.

ف)   ھەر قېتىملىق قۇرۇلتايدا يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ دىققەت-نەزىرى ئاستىدا  ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالىدۇ.

پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا يۇقارقى قارار قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، دائىمىي كومېتىت ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدۇ ۋە  قۇرۇلتاينىڭ داۋامىغا  تەييارلىق كومىتىتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق ئىشلىرى ئەتىدىن باشلىنىدۇ، قۇرۇلتاينىڭ ئالاقىدار نىزامنامىسىغا ئاساسەن تەييارلىق ئىشلىرىغا   كاتىباتلىق مەسئۇل بولىدۇ ۋە 1-مۇئاۋىن رەئىس نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ئالى رەھبەر  رابىيە قادىر  خانىم مەڭگۈلۈك  ئالىي رەھبەرلىك ئورنى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا ماقۇللانغانغا قەدەر قۇرۇلتاينىڭ مەمۇرى ئىشلىرىغا قىسمەن ئارىلىشىدۇ. قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرىنىڭ تىزىملىكى ئالىي رەھبەر رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۆزىتىشى ۋە تەستىقىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق نۇتقى سۆزلەيدۇ ؛  ئۇيغۇر خەلقىگە ۋۋە  قۇرۇلتاي يېڭى رەھبەرلىك يادروسىغا  قارىتا  مۇھىم چاقىرىق ۋە يوليورۇقلىرىنى بايان قىلىدۇ.

مەنبە: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تور بىتى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ