ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دۇنيا بەشتىن چوڭ


دۇنيا بەشتىن چوڭ

دوكتور ھۈسەيىن كامىبۈيۈك ئۆزئەر

بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىز تۈركىيىنىڭ سامالىرىدا بىر ئىشارەت چاقمىقى چاقنىغان، ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىسى پۈتۈن دۇنياغا قەدەممۇ - قەدەم يېيىلغان ئىدى. بۇ نېمە ئىشارەت ؟ بىزگە قايسى مەنىلەرنى بەرگەن بولغىيدى؟ بۇ ئىشارەت نىدالار مۇنۇلاردىن ئىبارەت ئىدى:
ئىي ئىسلام ئۈممىتى! مەۋجۇت بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قارشى بىرلەشكەن ئىسلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى لازىم.
ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىسلام بىرلەشكەن سودا بازىرى قۇرۇلۇشى لازىم.
ئىسلام دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا سېتىقتا، ئىسلام دىنارى مىقدارى بويىچە ھېسابلنىدىغان پۇل بىرلىكى قوللىنىشى لازىم.
ناتوغا قارشى مۇسۇلمان دۆلەتلەر مۇداپىئە ھەمكارلىق ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى لازىم.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر مائارىپ تەربىيىسى، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا قارىشى مۇسۇلمان دۆلەتلەر مەدەنىيەت ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرلىشى لازىم.
ئارىدىن يېرىم ئەسىرگە يېقىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتتى، بىراق ئۈممەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھازىرغىچە ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى چۈشۈنۈپ يېتەلمىدۇق.
ھالبۇكى، غەرب دۆلەتلىرى چىرىشكە باشلىدى. تېمپورالىست ۋە ماتېرىيالىست بولغان غەرب دۆلەتلىرى كۈن ئۆتكەنسېرى چىرىمەكتە. چىرىگەنسىرى ئەتراپىغا تېخىمۇ كۆپ زىيان سېلىپ خىرس بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ. 1981 يىلدىن 1985- يىلغىچە ياۋروپادا ياشىغان بىر مەزگىل ئىچىدە رەببىم نەشىر قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغان << ھىجرەت >> ژورنىلىدا نەشىر قىلىنغان : << ياۋروپادا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلماسمۇ؟ >> ماۋزۇلۇق ماقالىدە مۇنداق يازغان ئىدىم: << بولۇپمۇ ھازىر بىز ياشاۋاتقان ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياۋروپالىقلار مەنىۋىي جەھەتتىن چىرىمەكتە. ھەر تەرەپتە يەھۇدىينىڭ ھەمدە ئەخلاقسىز نان قېپىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا كەلگۈسىدە يوقاشقا ۋە ئۈمىدسىزلىككە قاراپ سۈرۈلۈپ ماڭماقتا، ئانىلاردا پەرزەنت سۆيگۈسى يوقالغان، ئائىلىدە ئۆز ئارا ساداقەت باغلىرى ئۈزۈلگەن، ئاتا- ئانا يالغۇز ياشاشقا مەھكۇم بولغان ئەھۋالدا قالغان. ياۋروپادا ھاراق شاراپ ئىستېمالى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسا ، دوختۇرخانا، تۈرمىلەر، ساراڭلار دوختۇرخانىلىرى ، ھاراق شارابتىن كېلىپ چىققان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر، كېسەللىكلەر، مەجرۇھلار ۋە جىنايەتچىلەر بىلەن تولۇپ تاشماقتا. پەقەتلا گېرمانىيىدە ئىككى مىليون ھاراقكەشنىڭ بولۇشى ئىبرەتلىك دەلىلىدۇر. ئۇندىن باشقا يەنە، ياۋروپادا نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىلارنىڭ سانى ئېشىپ بارماقتا. شەھۋانىي ئازغۇنلۇق بولسا نورمال قوبۇل قىلىنىدىغان ھالغا كەلمەكتە. بۇ خىل ناچار ۋە ئەخلاقسىز ئىشلارنىڭ داۋامى ئۈچۈن، ياۋروپانىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن باغلىنىپ تۇرىۋاتقان خرىستىيان چېركاۋلىرى ھېچقانداق بىر ھەل قىلىش يولى تاپالماي گاڭگىرىماق. ھازىرغىچە ئۆزگەرتىلگەن ئىنجىلنى سۇيىئىستېمال قىلىشتىن باشقا ھەقىقىي توغرا يولغا ئېلىپ بارىدىغان ھەل قىلىش يولى چارىسىز قالماقتا. چېركاۋلاردا ئادەم تاپقىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە غېرىپ، ھەتتا بەزى چېركاۋلار ھېچكىم كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تاقىلىشقا باشلىماقتا. چېركاۋ پەقەتلا مۇراسىملاردا كۆرسىتىلىدىغان ، سىياسەتچىلەرنىڭ ئىستىمال ۋەسىلىسى ھالىغا كېلىپ قالدى. ئارقا پەردىدە يەھۇدىي بارلىق كۈچى بىلەن چېركاۋلارنى تىزگىنى ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشماقتا. يەنى ئۆزگەرتىلگەن ئىنجىلنى مەيدانغا چىقىرىپ، ھەر دوقمۇشتا ياخوۋا شاھىتلىرى دەپ ئاتالغان يەھۇدىي تەشكىلاتىنىڭ سېتىلغان ئەسكەرلىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلغان تەشۋىقات ۋەرەقەلىرى بىلەن خەلقنى يېڭىدىن ئازغۇنلۇقلارغا ئىتتىرىپ ماڭماقتا. شۈبھىسىزكى ئىسلام ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يۈز يىللاردىن بېرى غەربلىك زوراۋانلارنىڭ ئاڭ تەربىيىسى ۋە پىكىرلىرى ئاستىدا ، ئۆزىمىزنىڭ تۈرمۇش نىزامىمىزنى ياراتمىدۇق، مەسخىرە قىلدۇق. ئۇلارنىڭ تۈرلۈك تەشۋىق پىكىرلىرىنى ۋە ئېڭىمىزگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشقان دەبدەبىلىرىگە تەسلىم بولۇپ، تۇرمۇش مىزانلىرىنى ئاجايىپ ياقتۇرۇپ مەست بولۇپ كەتتۇق، ئىنتايىن چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلدۇق. يېمەك ئىچمەكتىن باشلاپ ھاياتىمىزنىڭ ھەر كۈنىدىكى بارلىق تۈرمۇش مىزاملىرىمىز ھەم ئىچىمىزدىن ھەم سىرتىمىزدىن بۇ كۈچلەر تەرىپىدىن بەلگىلىنىپ بېرىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشتۇق. ھارام بىلەن ھالال بىر بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئاللاھ بۇيرىغان بىرلىك، ئىسلام قېرىنداشلىقىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇق. مەزھەپلەرگە، ئىرقلارغا ئايرىلىپ كەتتۇق. جۇغراپىيلىك تەۋەلىكىنى ئىسلام تەۋەلىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزدۇق. ئۆزىمىزگە ئوخشىمىغانلارنى بولسا كاپىرغا چىقاردۇق. كاپىرغا چىقىرىۋەتكەن قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى بولسا جىھات دەپ گۇمان قىلدۇق. بۇ قىلمىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ لۇتفىنىڭ ، رەھمىتىنىڭ ئۈممەتدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى.
بۈگۈنكى كۈن دۇنيانىڭ بۇ زۇلۇم نىزامىغا قارىشى، ئىمانلىق ئىنسانلارنىڭ بىرلىشىدىغان كۈنىدۇر. ئىرقچى، ماتېرىيالىزمچى، كاپىتالىستىك قارا كۈچلىرىنىڭ يەر يۈزىدە چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان پىتنە پاساتلارغا قارىشى ئىمانلىق ئىنسانلار بىرلىشىشى لازىم. ئىچى ۋە سىرتىدا زالىملارغا قارىشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى لازىمدۇر. بۇ زامان شۇنداق بىر زامان ئىكەنكى، ئۆز ئەقىدە ئىمانىمىزنى ۋە باشقا ھايات مىزانلىرىملىرىمىزنىڭ ئىچىگە سىڭدۈرۈپ، ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى، ئىسلام مەدەنىيىتىنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان كۈندۈر. ھەممىدىن بۇرۇن ھارام نەرسىلەر بىلەن ياسالغان يېمەك - ئىچمەكلىرىمىزدىن باشلاپ ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىرىمىزنى بۇلغىنىشتىن پاكىزلاش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋە تەر تۆكىدىغان كۆندۈر. ئاللاھ سۈرە ئالى ئىمرانىڭ 139- ئايىتىدە :<< بوشاشماڭلار غەمكىن بولماڭلار، ھەقىقىي مۆمىن بولساڭلار ئەڭ ئۈستۈنلۈك سىلەرگە مەنسۇپتۇر >> دېمىدىمۇ؟
يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى:
دوكتور ھۈسەيىن كامىبۈيۈك ئۆز ئەر 1938- يىلى ئانتالىيەدە دۇنياغا كەلگەن. ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنجىنىرلىق كەسپىنى پۇتتۇرۇپ، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوختۇرلۇقىنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1981- يىلدىن 1984- يىللارغىچە گېرمانىيىنىڭ بوتجوم ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانى ئېلىش جەريانىدا ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. 1986- يىلىدا تاللا بازارلىرى ۋە ماگىزىنلارنىڭ تەكچىلىرىنى تولدۇرغان زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن يېمەك ئىچمەكلەردە ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى تىلغان ئالغان << يېمەك ئىچمەك دوكلاتلىرى ۋە يىگەن ئىچكەنلىرىمىز ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ ؟>> ماۋزۇلۇق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان. ئىزدىنىش نەتىجىسىدە زاۋۇتلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان يېمەكلىكلەرنىڭ ھالال ۋە زىيانسىز بولۇش بولماسلىقى ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بىر ئورۇن قۇرۇپ چىقىشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. گىمدەس يەنى ( يېمەك ئىچمەك ماددىلىرىنى تەكشۈرۈپ كىنىشكا بېرىش تەتقىقات جەمئىيىتى) نى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغان. ھازىرغىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ باش رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئېنگلىزچە، گېرمانچە تىللارنى پىششىق بىلىدىغان بۇ ئۇستازنىڭ 7 پەرزەنتى بار. دوكتور ھۈسەيىن كامىبۈيۈك ئۆز ئەرنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن ئېچىلغان << ھالال دۇنيا تاللا بازارلىرى >> ئىستانبۇلدا سانىنىڭ ئەڭ كۆپ بولۇشى بىلەن تۈركىيىنىڭ چوڭ ۋىلايەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئارقىمۇ- ئارقا ئېچىلىپ ، يېمەك ئىچمەكتىن كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىغىچە بولغان ھەر تۈرلۈك ئېھتىياجنى ھەل قىلىپ كەلمەكتە. ئېكسپورت مىقدارى ئېشىپ تۈركىيىدىن باشقا دۆلەتلەرگە تور يولى بىلەن سېتىش خىزمىتىمۇ يىلسېرى كېڭىيىپ بارماقتا.
تەييارلىغۇچى:
مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ