ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سۇ ئاپىتىدە 195 ئۆلدى

سۇ ئاپىتىدە 195 ئۆلدى

 

12- ئىيۇل تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە دۆلەتلىك ساقچى ئاگېنتلىقى ئالدىنقى ھەپتىدىن بۇيان دۆلەتنىڭ غەربى قىسمىنى تەسىرى ئاستىغا ئالغان شىدددەتلىك يامغۇرلار سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋە سۇ ئاپىتى تۈپەيلى 195 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار يوقۇلۇپ كەتكەن 60 كىشىنى ئىزدەپ تېپىش خىزمەتلىرىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھىروشىما، ئوكاياما ۋە ئېھىمە شەھەرىلىرىدە 70 مىڭدىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش خادىملىرى جىددىي خىزمەت ئىشلىمەكتە. 

ئوت ۋە تەبىئىي ئاپەتكە قارشى تۈرۈش ئاگنېتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ھازىر پاناھجايلاردا تەخمىنەن 6700 كىشى بار ئىكەن.

ياپونىيەنىڭ 19 ۋىلايىدە جەمئىي 5 مىليون 900 مىڭ كىشى ئۈچۈن بىخەتەر جايلارغا يۆتكىلىش قارارى چىقىرىلغان ئىدى.

باش مىنىستىر شىنزو ئابى ئاپەت سەۋەبىدىن ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى كېچىكتۈردى ۋە سەل ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردا زىيارەتتە بولدى. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ