ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سۈرىيە، بېنگال ، شەرقى تۈركىستان، ئاراكان ۋە ئىسلام بىرلىكى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2013-12-17 11:08:02 جەمئى 2242 قېتىم ئوقۇلغان.

يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئىسلام جۇغراپىيەسىدە بولۇۋاتقان سىياسى قالايماقانچىلىقلار ھەققىدە ۋەقەلىكلەرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز
(تائىم تۈرك خەۋەر تورىنىڭ باش ئوبزورچىسى شۇنداقلا ئى ھا ھا ئىنسانى ياردەم ۋەقپىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولغان ئوسمان ئاتالاي ئەپەندىنىڭ " ئىسلام بىرلىكى" ھەققىدىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدىن)

يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئىسلام جۇغراپىيەسىدە بولۇۋاتقان سىياسى قالايماقانچىلىقلار ھەققىدە ۋەقەلىكلەرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز. بېنگالدا 1971- يىلدىكى مۇستەقىلىق ئۇرۇشىدىكى رولى سەۋەبى بىلەن 12 ياشلىق بىر قىزنىڭ سۆزىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جامائەتىل ئىسلامنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇقادىر مولىنىڭ ئۆلتۈرۈلمەسلىكى ئۈچۈن خەلقئارادا 9 ئايدىن بېرى ھېچ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق.

ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىقى ھىندىستان ۋە پاكىسىتان ئارىسىدىكى سىياسى نوپۇز جىدەلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا توختىماستىن تەھدىد سالماقتا ۋە ھاياتلىرى بۇ جىدەلەرنىڭ قۇربانى بولماقتا.

ئابدۇقادىر موللىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىدىن كېيىن بۇ دۆلەتتە جامائىتىل ئىسلامنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان قارشىلىقلىرى ۋە نامايىشلىرىغا ئونمىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ بارماقتا. بۇ نامايىشلار جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاچقان رەھىمسىزلەرچە ئوقلىرى ۋە ھۇجۇملىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى ئېشىپ بارماقتا. يارىلانغانلارنىڭ سانى 200 دىن ئاشقانلىقى خەۋەر قىلىندى.  جامائەت 2014- يىلى 5- يانۋار كۈنى ئېلىپ بېرىلىشى پىلانلانغان سايلاملار ئۈچۈن نامايىشلارنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت پۇقراسى بولغان خەلققە قارىتىپ ئوق ياغدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە  خەلقئارانىڭ بۇ ئەھۋالغا پەقەت تاماشىبىن ئورنىدا تۇرۇپ قالماسلىقىغا چاقىرىق قىلدى.

جامائەتنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش ئىھتىمالى بولغان سوتلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى  بېنگالنىڭ سايلامدىن بۇرۇن ئىنتايىن ئېغىر بىر پاجىئەگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئالدىن بىشارىتىنى بەرمەكتىدۇر.

بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ، ئىسلامى ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى، ئەرەپ بىرلىكى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ 9 ئايدىن بېرى بۇ مەسىلىنى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىبىدە ھوقۇقى بىر دەرىجىگە ئېلىپ چىقىشقا قادىر بولالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

يەكشەنبە كۈنى كەچە شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدە جەمىئى 16 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ خەۋىرى كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 14 سى ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغان مۇسۇلمان  ئۇيغۇر تۈركلىرى. 2009- يىلى 5- ئىيولدىكى قانلىق باستۇرۇشتا بولسا نۇرغۇن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇنلىرى تۇتۇلغان، بەزىلىرى بولسا ئىز- دېرەكسىز يوقالغان ئىدى.

سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەتلىئاملار ھېچ تۇرىدىغاندەك ئەمەس بەلكى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە .  ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردە بېرىلگەن مەلۇماتلاردىن ئۆلگەن ئادەم سانى بارغانسېرى كۆپ بولماقتا. ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن قىلىنىۋاتقان بومبىلىق ھۇجۇملار ھەلەپ، دەمەشق، ھاما، ھۇمۇس، دەرا، ئىدلىپ، دەيرۇز زور رايۇنلىرىدا قەتلىئام ئېلىپ بارماقتا. يېتىشمىگەن تىببى ئەشيالار سۈرىيەنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا تېخىمۇ مۇھتاج ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. بۇنداق كېتىۋەرسە سۈرىيە ئىنسانلىق پاجەسىنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق دېرامىسىغا سەھنە بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ.

ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلار 4 مىليونلۇق نوپۇسى بىلەن 50 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە بۇدىست زۇلۇمى ئاستىدا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سېستىمىلىق زۇلۇم، قىيناش، قەتلىئام ۋە ئاسىمىلاتسىگە ئۇچرىماقتا. ئاراكاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىن بىر قۇتۇلۇش غايىسى بېنگالغا قېچىپ بېرىش.  

خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى،ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان دائىرىسى ئىچىگە كىرمەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلام دۇنياسىدىكى بولىۋاتقان ئىشلار پەقەتلا خەۋەر ئاگېنتلىقلارنىڭ خەۋەرلىرىدىلا سۆزلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

ئاخىرقى ھەپتە ئىچىدە دۇنيا تەشۋىقاتىنىڭ كۈن تەرتىۋىدە بولغان بېنگال، سۈرىيە، ئاراكان، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەقەلىكلەر ئىنساننىڭ يۈرىكىنى پارچىلىغىدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق.  بۇ دۆلەتلەردە ئىنسان ھەقلىرىغا بولغان دەخلى – تەرۇزلار، قولدىن ئېلىنىۋېلىنغان ئەركىنلىكلەر، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەتلىئاملار ۋە ئاسىمالىيسىيەلەرنىڭ ئالدى 60 يىل، كەينى 40 يىلدىن بېرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلىپ كېلىنمەكتە. 

ئۇچۇر ئالاقە دۇنيانى كىچىكلىتىپ خۇددى ئالقىنىمىز ئىچىدىكىدەك قىلىپ قويدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز دۇنيادا بولۇپ ئۆتكەنلەرنى ئالقىنىمىزدا بولىۋاتقاندەك كۆرۈپ خەۋەر تېپىپ ئولتۇرىمىز. يېراق ۋە يېقىن جۇغراپىيەدە بولىۋاتقان بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرگە قارىتا پەقەتلا نەترەتلىنىش، غەزەپلىنىش ۋە غايىۋى جىنازە نامىزى ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قېلىۋاتىمىز.

ئىسلام ئىش بىرلىكى تەشكىلاتى ، ئەرەپ بىرلىكى ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلىرىمىزنىڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسى تەسىرى دائىرىسىدىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى ۋە سىياسى بىر قۇرۇلۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارادا ھېچقانداق بىر تەسىر كۈچكە ئىگە بولالمىغانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز.

ئەقىدەنى ئۆلچەم قىلغان ۋەقىپ ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ  ، ئامىۋى قۇرۇلۇش تەشكىلاتىلىنىڭ سېستىمىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى  كەلگۈسىمىزگە نېسپەتەن ئىنساننى  ئەندىشىلەندۈرىدۇ.   

ئىسلام جۇغراپىيەسىدە بولۇۋاتقان بۇ ئىنسانى ۋە سىياسى تىراگىدىيەلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسى تەرەپتىكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى پەقەتلا ئىسلام بىرلىكى پىكرىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئەمەلى بىر ھالەتتە ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەنلا مۆمكىن بولىدۇ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ