ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

سەدىقە پىتىرنىڭ بايانى
 

سەدىقە پىتىرنىڭ بايانى

مۇپتى مۇھەممەد كىفايەتۇللاھس: سەدىقە پىتىر دېگەن نېمە؟ج: پىتىر دېگەننىڭ مەنىسى «ئېغىز ئېچىش»، «ئىپتار قىلىش» دېگەن بولىدۇ. ﷲ بەندىلىرىگە مۇبارەك رامزان تۈگىگەندە «ئېغىز ئېچىش» دېگەن خۇشاللىقنى ۋە شۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىر مۇھىم سەدىقە تەيىن قىلىپ بەردى، شۇ سەدىقە پىتىر دېيىلىدۇ. «ئېغىز ئېچىش» دېگەن خۇشاللىق كۈنى ئىيدۇل فىترِ (ئېغىز ئېچىش بايرىمى) دېيىلىدۇ. س: سەدىقە پىتىر كىمگە ۋاجىپ بولىدۇ؟ج: نىسابقا يەتكۈدەك مال- مۈلۈككە ئىگە بولغان ھەر قانداق مۇسۇلمانغا ۋاجىپ بولىدۇ. س: سەدىقە پىتىر ۋاجىپ بولۇش ئۈچۈن زاكاتنىڭ نىسابى بولۇش شەرتمۇ ياكى ئازراق پەرقى بارمۇ؟ج: زاكات نىسابى بىلەن سەدىقە پىتىر نىسابىنىڭ مىقدارى بىردۇر. مەسىلەن: بەش يۈز توقسان بەش گرام كۈمۈش ياكى سەكسەن بەش گرام ئالتۇن قاتارلىقلارنىڭ قىممىتى. لېكىن زاكات نىسابى ۋە سەدىقە پىتىر نىسابىدا پەرق بار. زاكات پەرز بولۇش ئۈچۈن ئالتۇن كۈمۈش ياكى تىجارەت مېلى بولۇش زۆرۈردۇر. سەدىقە پىتىر ۋاجىپ بولۇش ئۈچۈن بۇ ئۈچ نەرسىنىڭ بولۇشى زۆرۈر ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ نىسابىغا يەتكۈدەك ھەر خىلدىكى مال ھېسابقا ئېلىنىدۇ. دېمەك، ھەر خىلدىكى مال- مۈلۈكنى جەملىسە. مەسىلەن: ئازراق پۇلى بار، ئازراق مال- چارۋىسى بار، يەنە ئازراق باشقا مال-مۈلۈكلىرى بار. ھەممىنى جەملىگەندە بىر نىسابقا يېتىپ قالسا، بۇ ماللارغا زاكات كەلمىسىمۇ لېكىن شۇنچىلىك مال-مۈلكى بار ئادەمگە سەدىقە پىتىر ۋاجىپ بولىدۇ. سەدىقە پىتىر نىسابىغا يىلنىڭ ئۆرۈلىشىمۇ شەرت ئەمەس. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ئەسلى ھاجىتىدىن ئېشىپ تۇرۇشى ۋە قەرزى يوق بولۇش بۇ ئىككى نىسابتا (زاكات نىسابىدا ۋە سەدىقە پىتىر نىسابىدا) شەرتتۇر. س: سەدىقە پىتىرنى بېرىش كىملەرگە ۋاجىپ؟ج: نىسابقا ئىگە بولغان ھەر قانداق كىشىنىڭ گەدىنىگە ئۆز ئۈستىدىن ۋە ئۇنىڭ نارەسىدە بالىلىرىنىڭ ئۈستىدىن سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىپتۇر، ئەگەر نارەسىدىلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە مال- مۈلكى بولسا شۇلارنىڭ مېلىدىن ئادا قىلىنىدۇ. س: روزا تۇتمىغانلارغا سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىپ ئەمەس دېيىش توغرىمۇ؟ج: خاتا، ئۇ روزا تۇتسۇن ياكى تۇتمىسۇن نىسابقا ئىگە بولىدىكەن، سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ. س: سەدىقە پىتىرنىڭ ۋاجىپ بولۇش ۋاقتى قاچان؟ج: ھېيىت كۈنى سۈبھى سادىق ۋاقتىدا ۋاجىپ بولىدۇ. دېمەك، بىر ئادەم سۈبھى سادىقتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتسە، ئۇنىڭ تەرىپىدىن سەدىقە پىتىر بېرىلمەيدۇ. سۈبھى سادىقتىن ئىلگىرى بىر بالا تۇغۇلغان بولسا، ئۇنىڭ تەرىپىدىن سەدىقە پىتىر ئادا قىلىنىدۇ. س: سەدىقە پىتىرنى ھېيىت كۈنىدىن ئىلگىرى، رامزاننىڭ ئىچىدە بەرسە دۇرۇسمۇ؟ ج: دۇرۇس. س: سەدىقە پىتىرنى قايسى ۋاقىتتا ئادا قىلىش ياخشى؟ج: ھېيىت كۈنى ھېيىت نامىزىغا مېڭىشتىن ئىلگىرى ئادا قىلىش ياخشى. نامازدىن كېيىن ئادا قىلسىمۇ دۇرۇستۇر. سەدىقە پىتىرنى بەرمەي ئۇزۇنغا سوزۇۋەتسىمۇ تا ئادا قىلمىغۇچە گەدىنىدىن ساقىت بولمايدۇ. س: سەدىقە پىتىردا نېمە- نېمىلەرنى بېرىش ۋە قانچىلىك بېرىش ۋاجىپ؟ج: سەدىقە پىتىردا ھەر خىلدىكى ئاشلىق ۋە ئۇنىڭ قىممىتى بېرىلىدۇ (ئىككى قېتىم قورسىقى تويغۇدەك ئاشلىق ياكى شۇنىڭ قىممىتى بېرىلىدۇ). س: بىر ئادەمنىڭ سەدىقە پىتىرنى بىرلا كەمبەغەلگە بېرىشى ياكى ئاز-ئازدىن بىر قانچە كەمبەغەلگە بېرىشى دۇرۇسمۇ؟ج: بىر قانچە كەمبەغەلگە بېرىشمۇ دۇرۇستۇر. شۇنىڭدەك بىر قانچە ئادەمنىڭ سەدىقە پىتىرنى بىر كەمبەغەلگە بېرىشىمۇ دۇرۇستۇر. س: سەدىقە پىتىرنى قانداق كىشىلەرگە بېرىش لازىم؟ج: زاكات بېرىش دۇرۇس بولغان كىشىلەرگە سەدىقە پىتىر بېرىش دۇرۇس. زاكات بېرىش دۇرۇس بولمايدىغان كىشىلەرگە سەدىقە پىتىر بېرىش دۇرۇس بولمايدۇ. س: سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىپ بولغان كىشىلەر زاكات ياكى سەدىقە پىتىر ئالسا بولامدۇ؟ج: بولمايدۇ. دېمەك، سەدىقە پىتىرنىڭ نىسابىغا ئىگە كىشىلەر پەرز ياكى ۋاجىپ بىرەر سەدىقىنى ئېلىشى دۇرۇس ئەمەس. وﷲ اىلمتەرجىمە قىلغۇچى: ئەبۇ ئالىيە


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ