<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى بىر خەلقنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىش كۈرىشىدۇر.

 

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! 5 ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشنىڭ ۋەھشىيانە قانلىق باستۇرۇلۇشى دۇنيا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، بولۇپمۇ خەلقئارانىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك زىيالىيلار سىنىپىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ ھەر ساھە تەتقىقاتچى، مۇتەخەسسىسلىرى قوللىرىغا قەلەم ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن تەتقىق قىلىشقا باشلىغان بولسا، پەيلاسۇپ، يازغۇچى، شائىر، ژورنالىستلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە بەس ـ بەس بىلەن ھەرخىل ئەسەر، ماقالىلارنى يېزىشقا باشلىغان. بۇ جەھەتتە تۈركىيە يازغۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدە ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناس ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ھاجى دۇران تەرىپىدىن يېزىلغان ”شاھادەتنىڭ سىمۋولى شەرقىي تۈركىستان“ ناملىق ماقالە تۈركىيىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەرنىڭ ۋە دەرنەك، ۋاقىپ، مەركەزلەرنىڭ 20 دىن ئارتۇق تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ، زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. تۆۋەندە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋەتەن سۆيەر مىللەتپەرۋەر ياشلار مەركىزىنىڭ http://www.milliyetcigenclik.com   تور بېتىدىن ئېلىنغان مەزكۇر ماقالىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. Œ

ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناس ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ھاجى دۇران ئۆز ماقالىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

خىتاي زۇلمى ئاستىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدە قەتلىئام قىلىنىشى كۈنتەرتىپكە كېلىشى بىلەن تەڭ ھەر خىل ئىستراتېگىيىلىك ئانالىزلار ۋە خىلمۇخىل سىياسىي سېنارىيىلەر  بەس ـ بەستە يېزىلىشقا باشلىدى، ھەمدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلدى. خىتاي، ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئالماقچى بولغان كونا ـ يېڭى ھېسابلىرى قايتىدىن ۋاراقلىنىشقا باشلىدى. خەلقئارا ئالاقە، ئاخبارات، ۋاستىلىرى ئايرىم بىر كۈچ سۈپىتىدە، بۇ قەتلىئامنى يېڭى بىر ئىستېمال بۇيۇمى ئورنىدا ئىستېمالغا سۇندى. گەرچە بۇ كونا ـ يېڭى ھېسابلار بىلەن ھەر خىل باھالاشلار دۇنيادىكى 38 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە نە ئۇلارنىڭ بىگۇناھ قىرغىن قىلىنىشىنى توسۇپ قالالمىدى، نە دەرد ـ ئالەملىرىگە مەلھەم بولالمىدى.

شۇنىسى ئېنىقكى، خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئالدىغان ئۆزىگە تېگىشلىك ھېسابلىرى ئەلۋەتتە بولىشى مۇمكىن، بىراق تارىختىن بۇيان بىز بىلىدىغان شۇنداق بىر ھەقىقەتمۇ باركى، خەلقنى قىرغىن قىلغان زالىملار مەيلى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ ھەردائىم خەلقنىڭ قارشىلىقى ئاستىدا مەغلۇپ بولۇپ كەلگەن. مانا ئەمدى ئۇيغۇر خەلقىمۇ شۇنداق قىرغىنچىلىققا قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.

شۇڭا مەن مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تارتقان ئازابلىرىغا ۋە دەۋردىن دەۋرگە سوزۇلغان ئىزچىل شېھىت قىلىنىشلىرىغا باشقا بىر نۇقتىدىن نەزەر سالماقچىمەن. مەن بۇ مەسىلىگە ھەرگىزمۇ خەلقئارالىق كۈچلەرگە كۆرە ياكى سىياسىي سېنارىيىلەرگە كۆرە ئەمەس، بەلكى قېرىنداشلىرىم بېرىۋاتقان قۇربانلىقلارنىڭ ھەقىقىي خاراكتېرىگە كۆرە باھا بەرمەكچىمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش مۇجادىلسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا دۇنياغا نىسبەتەن سىمۋول ۋە ئۈلگە خاراكتېرلىك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ.

 

دەرھەقىقەت، ئۇيغۇرلار ئەخلاق ـ پەزىلىتى، ئىلمىيلىكى، ئاق كۆڭۈللىكى، تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانى، پىداكارلىقى، قەھرىمانلىقى ۋە كۈرەش قىلىش ئۇسلۇبلىرى بىلەن دۇنيادا ئەڭ ئېسىل ئۈلگە بولۇپ كەلمەكتە. تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ دەل مانا بۇ خىل ئۈلگىلەرنى ئاڭلىتىش ئۈچۈنلا يېزىلىدۇ ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغىچە يەتكۈزىلىدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئۇيغۇرلار قىرغىن قىلىنىش باسقۇچىنى، يەنى، ئۆز شاھادەتلىرىنى مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشنىڭ بىر خىل شەكلى سۈپىتىدە داستانلاشتۇرماقتا. بۇنداق نادىر ئۈلگىلەر دۇنيادا ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. چۈنكى دۇنيادا كەڭ ئۇچراپ تۇرىدىغان بۇ خىل ئۈلگىلەرنىڭ كۆپىنچىسى خۇسۇسىي كىشىلىك ئۈلگە بولۇپ، خۇددى ھەللاجى مەنسۇرنىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى سىمۋوللاشتۇرغانلىقىغا، ئۆز شېھىتلىكىنى مەڭگۈلۈك تىرىلىشكە ئايلاندۇرغانلىقىغا، خۇددى ھەزرىتى سۇمەييەنىڭ ئۆز شاھادىتىنى مەڭگۈ ھايات قىلىشنىڭ بىر خىل شەكلى سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرغانلىقىغا ئوخشايدۇ. ھەتتا چاناققەلئە ئۇرۇشىدىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ شاھادىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان خۇسۇسىي شاھادەتنىڭ بىر مىسالى  بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چانەققەلئە ئۇرۇشىنىڭ جەڭچىلىرى ۋە شېھىتلىرى بىر باشلىقنىڭ قوماندانلىقى  ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان پىلانلىق ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە، شېھىتلىككە قۇچاق ئاچقان ۋە بىر ئەسكەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممەيلەن ئىدىيە، پىكىرلىرىگە شېھىتلىك ئىشقىنى چۇڭقۇر سىڭدۈرۈپ، ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىدا قۇربان قىلىشقا ئاتىغان ئىدى.

بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋە غەززەدىكى شاھادەتلەر بولسا، ھەرگىزمۇ ئۇنداق كشىلىك شاھادەت ئەمەس، ياكى قانداقتۇر تەشكىللىك، پىلانلىق، تەرتىپ ـ ئىنتىزاملىق ئېلىپ بېرىلغان ئاممىۋىي شاھادەتمۇ ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن خەلقنىڭ بار ـ يوقىدىن كېچىپ، شېھىت بولۇشنى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىشنىڭ ۋاستىسى سۈپىتىدە باغرىغا باسقانلىقىنىڭ نادىر مىسالىدۇر. مانا بۇ جەھەتتىن شەرقى تۈركىستان بىلەن غەززە خەلقىنىڭ شاھادەتلىرى ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش مۇجادىلىسىنىڭ ئىككى جانلىق ئۆرنەكلىرى ۋە سىمۋوللىرىدۇر. مەن بۇ ماقالىدە شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ، يەنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ  شاھادەتنى بىر خىل ئۆزىنى نامايان قىلىش شەكلى سۈپىتىدە تاللىۋالغانلىقىنى، شۇنداقلا قىرغىن قىلىنىشلىرى بەدىلىگە ئۆز كۈرەشلىرىنى ئەبەدىيلەشىتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلىتىپ ئۆتۈشكە تىرىشماقچىمەن.

جەمئىيەتشۇناس ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ھاجى دۇران ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ:

شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەخمىنەن بىر يېرىم ئەسىردىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى بىر خەلقنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىش كۈرىشىدۇر. بۇ كۈرەش قانداقتۇر تەشكىللىك كۆرەش ئەمەس، ياكى بىرەر ئورگان تەرىپىدىن باشقۇرۇلمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى بولغان خىتاي كۈچلىرى، خەلقنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرىشىغىمۇ چىداپ تۇرالمايدىغان ئەڭ زالىم مۇستەبىت ھاكىمىيەتتۇر. ھەتتا تارىختىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرى ئۆزگەرگەن تەقدىردىمۇ، نەتىجە يەنىلا بەرىبىر ئوخشاش بولۇپ كەلمەكتە.

ھەممىگە مەلۇمكى، خىتايلارنىڭ تۇتۇپ كېلىۋاتقان قائىدىسى ئوخشاش، مەيلى لىبېرال، مەيلى كوممۇنىست بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەسىلە تۈركلەرگە ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا چېتىشلىق بولغان ھامان ھەممىسى ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشقا، ھەممىسى ئوخشاشلا ئىنسان قېلىپىدىن چېقىپ زۇلۇم ـ سىتەم سېلىشقا باشلايدۇ. بۇ بىر تارىخىي ھەقىقەت. ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئەھۋالنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئۆز ئۆلۈملىرى بەدىلىگە خەلق ئىجتىمائىي كۈرەشلىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش يولىنى تاللىۋالدى.

مانا بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ئەۋلاتلارغا مىراس قىلىپ، ئۆي ـ ماكان،  ماشىنا، مال ـ مۈلۈك، مەنسەپ ـ مەرتىۋە قالدۇرغىنى يوق. بەلكى ئەكسىچە قىرغىنچىلىقنى، ئۆز ئۆلۈملىرىنى ۋە شاھادەتلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ھەتتا دۇنياغا ئۆز ساداسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ قولچومىقى بوپ بېقىشنىمۇ سىناپ باقمىدى. ئۇلار پەقەت ئۆز ئېتىقادىغا، ئىخلاسىغا، سەمىمىي مەيدانىغا ۋە ئۇلۇغ ئاللاھۇ تائالاغا ئىشەنچ باغلىدى. قولىدىن كېلىدىغان پۈتۈن چارە ـ تەدبىرلەر تۈگىگەن چاغدا، ھەقىقىي تەۋەككۈلچىلەرگە خاس مەردانىلىق بىلەن ”ھەسبۇنەللاھۇ ۋەنىئمەل ۋەكىل“ دېيىش ئارقىلىق قەلبىگە مۇز تاڭالىدى. ئەسلىدىمۇ دېيىشكە ۋە قىلىشقا تېگىشلىكى دەل مانا شۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى.

شۇڭا ئۇلار قىرغۇچى ئايروپىلانلارغا سوزماق بىلەن تاش ئاتالىدى. قولىدىن كېلىدىغاننىڭ ھەممىنى ئىشقا سېلىپمۇ ئامال بولمىغاندا، مۇز تاغلاردىن يالاڭ ئاياق مېڭىپ ئۆتەلىدى. مېيىتلىرىنى ئۆزلىرى بىلمەيدىغان، تونىمايدىغان يات ئەللەرگە دەپنە قىلىپ، ياردەم ئۈچۈن كەبىگە، ئاللاھنىڭ بەيتىگە سېغىندى. ئاخىرىدا ھەتتا مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ يۇرتىغىچە يېتىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار مانا بۇ جاسارىتى بىلەن شاھادەتلىرىنى تارىخنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۈك پۈتىۋېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋە مەھمۇت كاشغەرىنىڭ ئەۋلادلىرى، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى زەينەپ رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئوخشىسا، ئەرلىرى گويا ھۆسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئوخشايدۇ.

 

جەمئىيەتشۇناس ئالىم پروفېسسور دوكتۇر ھاجى دۇران، چۇڭقۇر پەلسەپىۋى تەپەككۈر بىلەن نەسرىي تۇيغۇ ۋە شائىرانە ھاياجان ئۆز ـ ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بەرگەن قۇربانلىقلىرىنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ يېشىپ چۈشەندۈرگەن ھالدا يەنە مۇنداق دەيدۇ:

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىرغىن قىلىنىشى بىر ئارمىيىنىڭ شاھادىتى ياكى بىر كىشىنىڭ شېھىتلىكى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن خەلقنىڭ شاھادىتىدۇر. ئايال، بالا ـ چاقىلىرى، هەتتا يېتىم ـ يىسىر، مىيىپلىرىمۇ قەتلى قىلىنىۋاتقان بىر پۈتۈن خەلقنىڭ شاھادىتىدۇر. يەنە كېلىپ، نامەلۇم بىر كۈنى دۈشمەننىڭ بىر ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان خەلق شاھادىتى ئەمەس، بەلكى بىر يېرىم ئەسىردىن بۇيان نەسىلدىن نەسىلگىچە ھەر كۈنى تەكرارلىنىۋاتقان قەتلىئام جەريانلىرىنىڭ شاھادىتىدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ توپ ـ توپ قىرغىن قىلىنىشى ئۆز خاراكتېرى نۇقتىسىدىن توختىماي داۋام قىلىۋاتقان بىر ئەمەلىي جەريان ۋە ئەمەلىي ھەقىقەتنىڭ نەخ ئۆزىدۇر.

ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئىجتىمائىي قىرغىن قىلىنىشى ئەگەر بىر دەملىك بولماي، باسقۇچمۇ ـ باسقۇچ داۋاملىشىدىغان بولسا، نەقەدەر قاباھەتلىك زۇلۇم مەنزىرىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلىسە كېرەك، يەنە كېلىپ، خىتاي زۇلمىنىڭ دۇنيادا ”خىتايچە قىيناش“ دەپ ئاتالغانلىقىنىڭ ئۆزىلا باشقىچە بىر ۋەھشىيانە زۇلۇم تۈرى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  شۇڭا مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇم ـ سىتەملەر ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە توپ ـ توپ قىرغىن قىلىش بىلەن نەتىجىلەنمەكتە. ۋەھالەنكى قىيىن ـ قىستاقلارنىڭ نەتىجىسى دائىملا ئۆلۈم بولىۋەرمەسلىكى لازىم ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار مەخپى ئۇرۇش ئويۇنلىرىنى ئويناپ، كىچە باسقىنلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق تۈسىدىكى ھەرىكەتلەرنى قىلىدىغان تەبىئەتتىكى خەلقمۇ ئەمەس، ياكى ئۇرۇش ئالدىنقى سەپلىرىدە دۈشمەن كۈتۈپ تۇرغان قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرىمۇ ئەمەس. بەلكى چوڭ كوچىلاردا، شەھەر مەيدانلىرىدا ئاشكارا ھالدا ئىجتىمائىي قەتلىئامغا قۇربان قىلىنىۋاتقان بىگۇناھ خەلق ئاممىسىدۇر. ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ غەززە خەلقىگە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقتىن تېخىمۇ ۋەھشى تەرىپى شۇكى، بۇ قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بارغۇچىلار تەپ تارتماستىن «باش كۆتۈرگەنلا ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈڭلار» دەپ جار سالالايدۇ. ئۇيغۇرلارنى كۆرۈنمەسلىككە، يوشۇرۇنۇشقا، ھەتتا يوقۇلۇپ تۈگەشكە مەھكۇم قىلماقچى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا، دەل مانا بۇ كۆرۈنمەسلىكتىن قۇتۇلۇش يولىدا  ئۆز جانلىرىنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق «بىز تېخى ھايات، مانا بۇ يەردە مەۋجۇتمىز» دېگەن سادالىرىنى ياڭراتماقچى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار غەپلەتكە ۋە زالالەتكە چىداپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا ھېچ بىر خەلقئارا كۈچنىڭ ھېساب ـ كىتابىغا قاراپ بېقىشنى زۆرۈر كۆرمەيدۇ.

ئۇلار خۇددى ھەللاجى مەنسۇرغا ئوخشاش، ۋۇجۇدىدىن ئاققان قانلىرىنى يۈزلىرىگە سۈركەپ، چىرايىدىكى ھارغىنلىقنىڭ ئىزلىرىنى قانلىرى بىلەن تولدۇرماقچى بولىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى سۇمەييە رەزىييەللاھۇ ئەنھۇمۇ ئاشكارا ھالدا ”ھەممەيلەن كۆرسۇن ۋە قورقسۇن“ دەپ شېھىت قىلىنغان ئىدى. ئۇمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ھېچ قورقماستىن شېھىت بولغان، ھەمدە بۇ پىداكارلىق كۈرىشىنى مەڭگۈ ئۆلمەس كۈرەشكە ئايلاندۈرۈپ، بىزگە مىراس قالدۇرغان ئىدى. ھەللاجىنىڭ ئۆلتۈرىلىشىمۇ باشقا كىشىلەرنى قورقۇتۇش مەقسىتىدە بىر مەھكىمىنىڭ قارارى بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا ئاشكارا ئىجرا قىلىنغان ئىدى. بىراق ئۇيغۇرلارچۇ؟! نە بىرەر ئادىل مەھكىمىنىڭ قارارى، نە بىرەر رەسمىيەت بېجىرىلمەي تۇرۇپلا ئىنتايىن ۋەھشى تەرزدە ئۆلتۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇرلارغا دۇنيادا ئىقتسادىي كۈچى زور، نوپۇسى ۋە ئەسكەرى ئەڭ كۆپ ھېسابلىنىدىغان خىتايلار ئۇدۇل كەلگەنلا يەردە ھۇجۇم قىلماقتا. ئۇيغۇرلار بولسا، ئۆلۈمنى ئۆزىگە نىسبەتەن مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاشنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قورالىغا ئايلاندۇردى. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قەيسەرانە تىز پۈكمەي تىك تۇرۇشلىرى ۋە بۇ خىل ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئۇلارغا ئوخشاش زۇلۇمدا قالغان بارلىق مىللەتلەرگە ئۆرنەك بولغۇسى ۋە ئۈمىد، ئىلھام مەنبەسى بولغۇسى. چۈنكى كۆرۈنمەسلىككە ۋە مۈكچىيىپ تۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش غەپلەتتۇر. شۇنىڭدەك ئۆزىدىن باشقا بىر كۈچنىڭ پارچىسىغا ئايلىنىشمۇ شەرمەندىلىكتۇر. بۇنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم ناھايىتى ياخشى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۆلۈش ئارقىلىق ئۆز كۈرەشلىرىنى ئەبەدىيلەشتۈرگەن ۋە شاھادەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان.

 

يازغۇچى:                 پروفېسسور دوكتۇر ھاجى دۇران

تەرجىمە قىل غۇچى:   كامىجان

Œ   بۇ ماقالە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى ۋەتەنسۆيەر مىللەتپەرۋەر ياشلار مەركىزىنىڭ http://www.milliyetcigenclik.com تور بېتىدىن باشقا يەنە،

www.haberakademi.net

www.akpartiforum.com/archive/kose-yazilari-f124p12.html

http://www.kocaeliaydinlarocagi.org.tr/Yazi.aspx?ID=776

 http://anadoluhaber.blogspot.com

 www.haber10.com/makale/ArticlePrint.aspx?id=16293

http://forum.islamiyet.gen.tr 

 قاتارلىق 20 گە يېقىن تور بەتلىرىدىمۇ ئېلان قىلىنغان.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ