ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت مۇبارەك كۈنىدە تۆۋەندىكى ئۆزى قىسقا ، يادلاشقا ئاسان ، خەتچۈك شەكىلدە بىر يەرلەرگە چاپلاپ قويۇشقا قولايلىق نەسىھەت دۇردانىلىرىدىن تاللاپ ھەدىيە قىلدىم.
 

شىپالىق ھەدىيە

 

مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ ئەينىكىدۇر. مۇسۇلمان بىر دوست بولسا دوستىغا ھەقىقىي شىپا بولىدىغان قىممەتلىك نەسىھەتلەرنى ھەدىيە قىلغۇچىدۇر. مەنمۇ قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا بۇ جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت مۇبارەك كۈنىدە تۆۋەندىكى ئۆزى قىسقا ، يادلاشقا ئاسان  ، خەتچۈك شەكىلدە بىر يەرلەرگە چاپلاپ قويۇشقا قولايلىق نەسىھەت دۇردانىلىرىدىن تاللاپ ھەدىيە قىلدىم.

ئامانەتكە – خىيانەت قىلما!

ھالىڭدىن- شىكايەت قىلما!

ئۆزەڭدىن چوڭلارغا­ – بۇيرۇق قىلما!

ئۇرۇنسىز ئىشلارغا – يېپىشىپ قالما!

ھېچكىمگە ھېچنىېمىنى- مىننەت قىلما!

ھېچكىمگە ھېچقاچان – يامان سۆز قىلما!

يامانلىققا ھەرگىز- مايىلىق قىلما!

مېلىڭنى ئورۇنسىز – سەرپ قىلما!

سىررىڭنى ھەرگىزمۇ- ئاشكارا قىلما!

ھەممىلا نەرسىگە قىزىقىپ - ئاخماقلىق قىلما!

خاتالىق، كەمچىلىكىڭنى – ئىنكار قىلما!

ئار- نومۇسىڭدىن ھەرگىز- ئايرىلىپ قالما!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ