ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەكتۇب يېزىش پائالىيىتىنى باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-11 13:11:26 جەمئى 1043 قېتىم ئوقۇلغان.

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەكتۇب يېزىش پائالىيىتىنى باشلىدى

شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا مەكتۇب يېزىش پائالىيىتىنى باشلىدى
11- ئۆكتەبىر شىۋېتىسيىدىكى ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ۋە سىياسى پارتىيىلەرگە مەكتۇب يېزىپ، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تاقاشقا بېسىم ئىشلىتىشى تەلەپ قىلدى.
مەكتۇب ئەۋەتىش پائالىيىتىنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى 349 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە بىر قىسىم سىياسىي تەشكىلات قاتارلىق ئورۇنلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يەنە، شىۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان 300 دىن ئارتۇق ئائىلىنى تەشكىللەپ، ھەر بىر ئائىلە شىۋېتسىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىن قىلىش قىلمىشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، ئۆزىنىڭ ئوي- پىكرى بايان قىلىنغان بىردىن مەكتۇب يېزىشنى، مەكتۇپقا ئۆزلىرى ئىمزا قويۇپ ھۆكۆمەت ئورۇنلىرىغا ئەۋەتىشكە چاقىرىق قىلغان.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى يەنە، باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇلارنىڭ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ھەر قايسى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا مەكتۇب ئەۋەتىپ، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تاقاش ھەققىدە بېشىم قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ