ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شېھىتلىرىمىزگە تەزىيە


شېھىتلىرىمىزگە تەزىيە 
12- ئىيۇن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى يېقىندىن بىرى بىر قانچە ئۆلىما ۋە نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي رىجىمى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئىيسا ئەپەندىنىڭ ئانىسى ئايخان مۇھەممەد خانىمنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىغا قارىشى بايانات ئېلان قىلدى، باياناتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا بىر يىل بۇرۇن باشلىغان «تەربىيىلەش لاگېرلىرى» ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنى ئاستا خارەكتىرلىك قىرغىن قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ناتسىستلار لاگېرلىرى» بولۇپ، مىليونلارچە بىگۇنا خەلقىمىز قامالغان، مىڭلارچە كىشى ئۈن - تىنسىز ھاياتىدىن ئايرىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس.
بىر قانچە ئايدىن بىرى كۆپلىگەن ئۆلىما، زىيالى، تىجارەتچىلەرنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا شېھىت قىلىنىغان خەۋەرلىرىنى ئالدۇق، قەشقەردە ئابلىمىت داموللاھاجىم شېھىت قىلىندى، ئۈرۈمچىدە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم شېھىت قىلىندى، خوتەندە ئابدۇلئەھەد مەخدۇم ھاجىم شېھىت قىلىندى، غۇلجىدا ئابدۇرېشىت سالىھ ھاجىم شېھىت قىلىندى، بارلىق شېھىتلىرىمىزگە ئاللاھتىن رەھمەت ئائىلە تاۋابىئاتىغا سەبىر تىلەيمىز.
يەنە تۆنۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئىيسا ئەپەندىنىڭ ئانىسى ئايخان مۇھەممەد خانىم ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيسىدە 2018-يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۇزۇن يىللىق زۇلۇم، ئىزچىل تەقىب ئاستىدا 78 يېشىدا ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلدى.
مەرھۇمە گە ئاللاھتىن رەھمەت، شېھىتلىق مۇقامى تىلەيمىز، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشلىق ئائىلە تاۋابىئاتىغا سەبىر ۋە ئەجىر تىلەيمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ