ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرى ۋە خىتاي ئىشغالىيىتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2011-03-23 10:41:46 جەمئى 6371 قېتىم ئوقۇلغان.

“تۈركلەرنىڭ يۇرتى” دېگەن مەنىدىكى تۈركىستان ــ تەڭرىتېغىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلغان ....
پروفېسسور دوكتور ئالائىددىن يالچىنكايا

تەرجىمە: سابىرجان

كىرىش سۆز

“تۈركلەرنىڭ يۇرتى” دېگەن مەنىدىكى تۈركىستان ــ تەڭرىتېغىدىن كاسپىي دېڭىزىغىچە سوزۇلغان جۇغراپىيەنىڭ ئىسمى بولۇپ، شەرقى تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. غەربىي تۈركىستان ــ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبەكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىن ئىبارەت بولۇپ، 1715 ـ 1897 ـ يىللىرى ئارىسىدا رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. غەربىي تۈركىستاندىكى رۇس ھاكىمىيىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېمىرىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. شەرقىي تۈركىستان بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، ئىسمى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»غا ئۆزگەرتىلدى. يەنى شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ پۈتۈن زېمىنى ئىشغالىيەتچى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق سىياسىي ئوبيېكتىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ، 19 ـ ئەسىردە ئەنگىلىيە يولغا قويغان ياكى قوللىغان سىياسەتلەردىن خىتاي، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە تۈركىستان دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇھىم باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلەرنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ سىياسەتلەر ئاساسەن تۈركلەرنىڭ زىيىنىغا يۈرگۈزۈلگەن بولۇپ، بەزىدە بۇ سىياسەتلەرگە چېتىلىپ قالغان بىرەر تۈرك سىياسىي گۇرۇھى تۇنجى قەدەمدىلا ھىيلە ـ نەيرەڭ بىلەن ئىشغالچىلارنىڭ قولىغا تاشلاپ بېرىلدى. ئەنگىلىيە بىر تەرەپتىن قەشقەرىيە دۆلىتىگە يان باسقاندەك كۆرۈنسە، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ مۇسۇلمان تۈرك دۆلىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن رۇسىيەنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپ، خىتايغا (نۇرغۇن مىقداردا) قەرز پۇلى بەردى. بۇ رايونغا مەخسۇس ئىجاد قىلىنغان «چوڭ ئويۇن» تېرمىنى، مانا مۇشۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەكمۇ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە. بۇ ھەقىقەتنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى ئىشغالىيەتنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولغان بەدەۋلەت ياقۇب بەگ رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي توختالدىم. «چوڭ ئويۇن» كەلىمىسى، خىتايلار ئەزەلدىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان “بۆلۈپ باشقۇرۇش” سىياسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنگلىز سىتراتېگىيىسىنى ئەڭ ياخشى ئىپادىلەپ بېرىدىغان تېرمىندۇر.

“تۈركىستان”نىڭ ئورنىغا “ئوتتۇرا ئاسىيا” ئىسمىنى قوللىنىش، ئادەتتىكى بىر ئىسىم ئۆزگىرىشى ئەمەس، بەلكى بۇ «چوڭ ئويۇن»نىڭ بىر پارچىسىدۇر. تارىختا “شەرقىي تۈركىستان (ئىسلام) جۇمھۇرىيىتى”دىن باشقا “تۈركىستان” نامىدا بىر ھاكىمىيەت قۇرۇلۇپ باقمىدى. پەقەت رۇس ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، ئۇ رايونلار “تۈركىستان ۋىلايىتى” دەپ ئاتالدى. شۇنداقتىمۇ ئەسىرلەردىن بېرى ئېتىبارلىق مەنبەلەردە بۇ رايوننىڭ ئىسمى “تۈركىستان” دەپ زىكىر قىلىندى. 1867 ـ يىلى، تاشكەنتنى مەركەز قىلغان “تۈركىستان ۋىلايىتى”نىڭ ئورنىغا “تۈركىستان ئومۇمىي ۋالىيلىقى” قۇرۇلدى ۋە يېڭى ئىشغال قىلىنغان رايونلار بۇ ۋالىيلىققا قوشۇۋېتىلدى[1]. 1924 ـ يىل 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، “تۈركىستان” ئىبارىسى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ سىياسىي ھۆججەتلىرىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىپ تاشلاندى. شۇندىن كېيىن، “تۈركىستان” ئىسمى “شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى”دە زىكىر قىلىندى. بۇ دۆلەت 1944 ـ يىلىدىن 1949 ـ يىلىغىچە ھۆكۈم سۈردى[2]. بۈگۈن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۆلەت خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئاتالماقتا. يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىش ئويۇنى ــ Orijinal eklentiyi indir

قاتتىق قول ۋە ھاكىممۇتلەق سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ كۆپ قىرلىق ئاسمىلاتسىيە پروگراممىلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، بىز بۇلارنى ۋاقىتلىق مەسىلە دەپ قارايمىز ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىمىزدا تارىخىي ۋە ئىرقىي ھەقىقەتلەرنى ئاساسىي ئۆلچەم قىلىمىز. مەيلى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ياكى غەربنىڭ سىياسىي ساھەلىرىدە بولسۇن، “تۈركىستان” ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا “ئوتتۇرا ئاسىيا” ئىسمىنىڭ سىڭدۈرۈلۈشىنىڭ ئادەتتىكى ئاتالغۇ ئۆزگىرىشى ئەمەسلىكى توغرىسىدا كۆپ توختالغان بەگ مىرزا ھېيت مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىستان ئىسمى 1925 ـ يىلىدىن ئېتىبارەن سوۋېت تېرمولوگىيىسىدە “ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان” دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. تۈركىستاننى خەلقلەرنىڭ بىر ـ بىرىگە ئارىلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەجرىبە سەھنىسى سۈپىتىدە كۆرسەتمەكچى بولغان رۇسىيە، بۇ دۆلەتنىڭ ئەسلى ئىسمىنى ئىنكار قىلىپ، تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى: “ھەممىمىز بىر مىللەت” دېگەن ئاڭنى يوقىتىشقا ۋە تۈركىستاننى رۇس ئىشغالىيىتىنىڭ ئاساسىي ئۇنسۇرى قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ، “تۈركىستان” ئىسمىنىڭ قوللىنىلىشىغا چىش ـ تىرنىقى بىلەن قارشى چىقىۋاتىدۇ. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، 1950 ـ يىللاردىن بېرى غەربلىك بەزى تەتقىقاتچىلار رۇس ئىجادىيىتى بولغان “ئوتتۇرا ئاسىيا” ئىسمىنى قوللىنىشقا ۋە بۇ ئارقىلىق غەرب دۇنياسى ۋە ئىسلام ئالىمىگە “تۈركىستان” ئاتالغۇسىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، سوۋېتچە ئاڭغا خىزمەت قىلماقتا. ئەسلىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان “تۈركىستان” بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيىسىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى...»[3]. شۇڭا بۇ ماقالىمىزدا بۇ تارىخىي، قانۇنىي، ئىلمىي ئاساسلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئىلىم ۋە ھوقۇق دۇنياسىنى ئىمپېرىيالىزمنىڭ چوڭ ئويۇنلىرىغا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن “شەرقىي تۈركىستان” ئىسمىنى تاللىۋالدۇق.

“تۈركىستان” ياۋرۇ ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربكە مايىل مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان ۋە كەڭ تېرىتورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، تارىختىن بېرى “تۈركلەرنىڭ يۇرتى” مەنىسىدىكى تۇران ياكى تۈركىستان دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن جاينىڭ نامى. بۇ يۇرت غەربتە ئاۋرال دەرياسى ۋە كاسپىي دېڭىزىغىچە، شەرقتە ئالتاي تېغى ۋە خىتاي چېگرىسى يەنى شەرقىي تۈركىستان ياكى قەشقەرىيەنىڭ شەرقىي چېگرىلىرى، جەنۇبتا ئىران ۋە ئافغانىستان، شىمالدا توبول، تومسك ۋىلايەتلىرى (سىبىرىيە)گە تۇتىشىدۇ[4]. تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 5 مىليون 340 مىڭ 66 كۋادرات كلومېتىر بولۇپ، ھازىر خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقىي قىسمىنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 503 (824) مىڭ، غەربىي قىسمى بولسا، 3 مىليون 516 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرنى تەشكىل قىلىدۇ[5]. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسلىق قىسمى ئالتاغ تېغى، تەڭرىتېغى، كوئىنلون تېغى ۋە تەكلىماكان چۆلى قاتارلىق تاغ ۋە چۆللەر بىلەن قاپلانغان. ئۇندىن باشقا، تارىم، ئىلى، ئېرتىش، ماناس، ئۇلۇنگۇر، باغراش دەرياسى قاتارلىق 320دىن ئارتۇق دەريا بار.

داۋامى بار..

[1]    «بۈيۈك سوۋېت ئانسىكلوپېدىيىسى»، 3 ـ نەشرى، 26 ـ جىلد، 458 ـ بەت.

[2]  ئىقلىل قۇربان: «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»، 1992 ـ يىل، ئەنقەرە.

[3]  در. بايمىرزا ھېيت: «سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھۆر دۇنياغا نىسبەتەن تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى». تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ژۇرنىلى، 78 ـ 86 ـ بەتلەر.

[4] بارتولد: «تۈركىستان ئانسىكلوپېدىيىسى»، 1902 ـ يىل، پېترىسبۇرگ. 34 ـ جىلد، 174 ـ 204 ـ بەتلەر. زىكىر قىلغۇچى بايمىرزا ھېيت: «تۈركىستان تېرمىنى ھەققىدە»، تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتى ژۇرنىلى. ئۇنىڭدىن باشقا: «ماۋەرائۇننەھىرگە جۇغراپىيىلىك ساياھەت» تېمىسى ئاستىدا، ئومۇمەن ئەرەب مەنبەلىرى ۋە ساياھەتنامىلەرگە بېرىلگەن باھا بىلەن، تارىخىي ئالاھىدىلىكى ۋە چېگرالىرى ئۈچۈن: «Turkestan Down to the Mongol Invasion» (1928 ـ يىل، لوندون. 64 ـ 179 ـ بەتلەر)گە قاراڭ. تېخىمۇ تەپسىلىي بايانلار ۋە تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك قۇرۇلمىسى ئۈچۈن، ئا. ۋەلىدى توغاننىڭ: «بۈگۈنكى تۈرك ئېلى» (1 ـ 22 ـ بەتلەر»گە قاراڭ.

[5]  ئا. زەكى ۋەلىدى توغان: «بۈگۈنكى تۈرك ئېلى»، 1 ـ بەت.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ