ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەراكان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-09-09 10:43:40 جەمئى 14466 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەراكان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

شەرقىي تۈركسىتان ئۆلىمالار بىرلىكى ئەراكان مۇسۇلمانلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
7- سېنتەبىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بىرما ئارمىيىسىنىڭ ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى قىرغىن قىلىش ئەھۋالى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرما بۇددىست ئارمىيسى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغانلىقى، 25- ئاۋغۇستتىن ھازىرغىچە بولغان ئون نەچچە كۈن ئىچىدە، ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 5 مىڭغا يەتكەنلىكى، يارىلانغانلارنىڭ سانى 8 مىڭغا يەتكەنلىكى، يۈرىتلىرىنى تاشلاپ قوشنا دۆلەت بىنگالغا پاناھلانغانلارنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
باياناتتا، ئاراكاندىن ئانچە يىراق بولمىغان شەرقىي تۈركسىتاندىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى يوقۇتۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا خىلى يىللارنىڭ بولغانلىقى، بۇ ئىككى دۆلەتتىكى مۇسۇلمان ئاممىسى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقى، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى پەرق بولسا، ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى خەلقئاراغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاڭلىتالىغانلىقى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قېرىنداشلىرىمىز بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلارنى خەلقئاراغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاڭلىتالمىغانلىقلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئەپسۇسلىندىغانلىقنى ئىپادىلىگەن.
باياناتتا يەنە، « شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى » دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئاراكان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەيدىغانلىقىنى، خەلقئارادىكى ئىسلام ئەللىرىنىڭ خەلقئارا كۈچلەرنىڭ بېسىمى ئارقىلىق ئاراكان مۇسۇلمانلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا ھەكەت قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ