ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

2009 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستانىڭ پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلىكنىڭ تۆتىنچى يىلىدا ۋە ئالدىنقى يىلى روزا ھېيت يېقىنلاشقان ئۇ كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ئۈچۈن ئەقىل بىلەن ھېس قىلىپ يېتىش تەس بولغان،

 

ئايدىن تاش

2009 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستانىڭ پايتەختى بولغان ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەلىكنىڭ تۆتىنچى يىلىدا ۋە  ئالدىنقى يىلى روزا ھېيت يېقىنلاشقان ئۇ  كۈنلەردە  شەرقىي تۈركىستاندا  ئىنسان ئۈچۈن ئەقىل بىلەن ھېس قىلىپ يېتىش تەس بولغان، بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى كەلگەن ۋەقەلىكلەر تونۇشقان بولدۇق.

ۋەقەلىكلەرنى بىرەر قۇر رەتلەپ قارىساق، ئالدى بىلەن تۇرپاندا 35 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. (بۇ سانلارنىڭ ھەقىقىي سان ئەمەسلىكىنى ھەمىمىز بىلىمىز، ھەقىقىي ساننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىز بىلەلمەيمىز) بۇ جەرياندا بىرمۇنچە ۋەقەلىكلەر يۈز بەردى. ئۇنىڭ ئارقىسىدىن خوتەن شەھىرىدە بىرمۇنچە ۋەقەلىكلەر كېلىپ چىقتى. قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىق بىلدۈرۈلمىگەن بىرمۇنچە ۋەقەلىكلەر يۈز بەردى. ۋەقەلىكلەردىن كېيىنلا خىتاي رەھبەرلەر بەرگەن باياناتلىرىدا ھەمىشە بولغىنىدەك بۇ ھۇجۇملاردىن ئىسلامچىلىق، بۆلگۈنچىلىك، سىرتقى كۈچلەرنىڭ قوللىشى بىلەن بولىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، كىم ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان بىرمۇنچە كىشىنى بۇ ۋەقەلىككە باغلاپ تۇرۇپ ئەيىپلەشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا ئىشلەتكەن سۆز ئىبارىلىرىمۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋەقەلىكلەردە ئىشلەتكەن تىل بىلەن ئوخشاش لەۋزىدە ئىدى.

ئەپسۇسكى ۋەقەلىكلەر ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش دېگەن يوق گەپ. كومىنستىك پارتىيەنىڭ ھېلە نەيرەڭلىرى. پەردە ئىچىدە پەردە ياراتماقتا.

شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىنىڭ ئەسلى بولسا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشخالىيەتچى قىزىل خىتاينىڭ ئىزچىلاشتۇرىۋاتقان كۆچۈش سىياسىتىدۇر. ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن شۇ مەلۇمكى يەنى تۇرپان، خوتەن رايۇنلىرىغا كۆچۈپ بارغان خىتايلارغا بېرىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلار ئۇ رايۇندىكى ساقچىخانىغا ئەرز قىلىش ئۈچۈن بارىدۇ. بىراق ئۇ يەردىكى ناچار مۇئامىلە سەۋەبىدىن ۋەقەلىك چوڭۇيۇپ كېتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى خۇددى سۈرىيەدە ئۇرۇشقا كىرگەن تېرورىستلارنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكىنى داۋا قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ بىر مەنتىقىسىزلىق  ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. بىراق قىزىل خىتاي بۇ داۋاسىغا يۈلۈنۈپ تۇرۇپ كېچە – كۈندۈز كوچىلارنى ئاختۇرۇپ تۇرۇپ، سۈرىيەدە تەربىيلەنگەن دەپ داۋا قىلغان ئادەملەرنىڭ تاكى ساقچىخانىغىچە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكىگە ساختە دەلىللەرنى ئىسپاتلىماقچى بولدى.

كوچا كويلار كۈزۈتۈلۈپ، نۇرغۇن رايۇنلاردا كوچىغا چىقىش چەكلىنىپ، ئىنتېرنت تېلىفۇنلار ئىتىلىپ. قارا قۇيۇق تۇتۇش ، قولغا ئېلىش ، تۇتقانلارنى تۈرمىگە تاشلاش، تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشلارنى ئېلىپ باردى. ئۆلگەنلەرنىڭ ، يارىلانغانلارنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. رەسمىي ئىلان قىلىنغان ساندا 10 كىشى دېگەن بولسا بۇنىڭغا يەنە بەشنى كۆپەيتىشىمىز كېرەك بولىدۇ.

شۇنىڭغا قارايلىكى، 1950- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ نوپۇسى ئارانلار يۈزدە ئۈچ پىرسەنت ئىدى. بۇ سان ھازىر 53 پىرسەنتكە يۇقىرلىدى. ئۇيغۇر ئانىلار ھازىر پەقەتلا 28 ياشتىن 33 ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا بىر بالىلىق بولالايدۇ. ئىككىنچى بالىسىنى ئاران سەككىز يىلدىن كېيىن تۇغالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزلىرى تۇغماسلىق تەدبىرىگە مەجبۇرىي باغلىنىپ قالىدۇ. ئۇلارنى ئائىلىلىرىدىن ئايرىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىگە ئىش باھانىسى بىلەن ئەۋەتىدۇ. مەجبۇرلاپ ئەخلاقسىز ئىشلارغا سالىدۇ. بىر تەرەپتىن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئاز كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ھەم شەرقىي تۈركىستانغا نۇرغۇن كۆچمەن ئېلىپ چىقىش ئىشىنى بارغانسېرى تېزلىتىۋاتىدۇ.

ئىنگىلىزچە بېسىپ چىقىرىلىدىغان خىتاي كومىنستىك پارتىيەسىگە ئالاقىدار بولغان شۇنداقلا خىتاينىڭ رەسمىي پىكىرلىرىنى يازىدىغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتى ئۆزلىرى تېرورست دەپ ئاتىۋالغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىسىدا تۈركيە بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا بۇ ۋەقەلىكنىڭ ھازىرغىچە بىر ئېنىقلىققا ئېرىشمىگىنىنى بايان قىلىدۇ. ئەمدى بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىك ئورنىنىڭ خەلق تەرەپتىن ماھىيىتى ئېنىق چۈشۈنۈشلۈك بولمىغان ۋەقەلىكلەر ھەققىدە بىر چۈشەندۈرۈش بېرىدىغانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا بىر مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مۇھىتىنى بەرپاقىلىدىغانلىقىغا تىرىشىدىغانلىقىغا  ئىشىنىمىز. ئۈمىد قىلىمىزكى، بۇ رايۇندا ھۇزۇر ۋە مۇقىملىقنىڭ بۇزۇلماسلىقى سۈركۈلۈشلەرنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۈتۈرۈلمەسلىكىنىڭ ئاساساسى دېگەنلىكتۇر.

تەرجىمىدە: مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر   

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ