ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز- دېرىكى يوق

شەرقىي تۈركىستاندا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئىز- دېرىكى يوق

 21 - دېكابىر داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي مەخپى تەبىيىلەش لاگىرىغا قامىغان نەچچە يۈزمىڭ شەرقي تۈركىستانلىقلار ئىچىدىن بىر قىسىمىنىڭ ئىز- دېرىكى يوق ئىكەن.

خەۋەردە، مىسىردىن قايتقان بىر قانچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىز- دېرىكى يوقلۇقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تارماقلىرى ۋە بىر قىسىم ئالىملار خىتاينىڭ تەربىيىلەش لاگىرىغا تۇتۇپ كېتىلىپ، ئىز- دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ مىسىردىن قايىتقان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچ كەلگەنلىكى، خىتاي << تېخنىك تەربىيىلەش ئورنى>> دەپ ئاتىۋالغان مەخپى جازا لاگىرى ئىنتايىن يېپىق، ھەربىي تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقى، لاگىردا قامالغان ئۇيغۇرلار << خىتاي تىلى، خىتاي قانونى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەربىيسى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئوقۇشلۇقى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى ماتېريال ۋە مەزمۇنلار>> نى مەجبۇرى ئۆگىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلانغان.

خەۋەردە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلىدا تۆت ئورۇندا تەبىيىلەش لاگىرى  تەسىس قىلغانلىقىنى، لاگىرلارغا بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە يەنە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاينىڭ كورلىدا تەسىس قىلغان لاگىرنىڭ بىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ دەرۋازىسىغا << تۈرمە>> دېگەن ئىسىم يېزىلغانلىقى، كورلىنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى بىر كوچا ئىچىدە يەنە بىر مەخپى تەربىيىلەش لاگىرى بارلىقىنى، ئىشىك ئالدىدا ئاپتومات تۇتقان قاراۋۇللارنىڭ بارلىقىنى، باشقا بىر تەبىيىلەش لاگىرى قوراللىق قىسىم بازىسىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ