ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم- قىزلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-09-09 13:58:00 جەمئى 11017 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم- قىزلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم- قىزلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
7- سېنتەبىر ئسىتانبۇلنىڭ سافاكۆيدىكى « ئاتلاس توي مەرىكە زالى » دا ، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇلى مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق خانىم – قىزلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇچرىشىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كىين ئېلىپ بارغان « قوش قاتلاملىق » ( مۇھاجىرلار بىلەن مۇھاجىرلارنى، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلارنى ئۆز- ئارا قېرىنداش قىلىش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ) مەنھىجىنى بويلاپ، تۇنجى قەدەمدە خانىم قىزلار ئۇز- ئارا تونۇشتى ۋە ئۆز – ئارا ئىيمانلاشتى.
ئۇچرىشىشقا، « شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى » دىن ئۇستاز ھەبىبۇللا كۈسەن تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، « ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ رولى » تېمىسىدا ئەتراپلىق توختالدى، ھەمدە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش تەرەپلەردىكى روللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتىكى رولى ۋە كەلگۈسىگە بولغان تەسىرى قاتارلىقلاردا ئېنىق چۈشەنچىلەرنى بېرىپ ئۆتتى. شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمغا قانداق قارشى تۇرۇش ھەققىدىمۇ توختالدى. خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتە تەدبىرلەرنى ئېلىپ ھەركەت قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى.
پائالىيەتتە، خانىم- قىزلارنىڭ بىلىمىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام تارىخى ۋە ئەقىدىلىرى، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي مەلۇماتلىرى ھەققىدە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، پائالىيەت كەيپىياتى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. سورالغان سوئاللارغا توغرا جاۋاپ بەرگەن خانىم – قىزلارغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى نۇزۇگۇم ئاياللار بۆلۈمى مەسئۇللىرى مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.
پائالىيەت ئاخىردا شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇمدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى، ھەمدە خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۇچۇن پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆلىمالار ۋە يىتەكچىلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار پائالىيەتكە كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولۇشۇپ قايتىشتى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش كۆرەكلىرىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ