ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىمنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-05-29 18:57:36 جەمئى 1141 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىمنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئابدۇلئەھەد مەخسۇمھاجىمنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتنىڭ تېكىستى تۈۋەندىكىچە:

 خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەرھۇم ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىمنىڭ بىر قانچە ئاي بورۇن تۇرمىدا ۋاپات قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن

 مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئوغۇل، كىئوغۇل  ھەمدە نەۋرىلىرى ئاساسەن 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى

مەخسۇم ھاجىم 2017- نويابىرنىڭ باشلىرى 88 ياشقا كىرگەنلىكىگە قارىماي 5- قېتىم قولغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇشۇ ھەپتىگىچە قايسى تۇرمىدا ئىكەنلىكى، ھايات بار- يوقلىقى ھەققىدە تۇققانلىرىغا ھېچقانداق مەلۇمات بىرىلمىگەن ئىدى

 ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇم ھاجىم پۈتۈن ھاياتىنى خەلقىنىڭ دىني، مىللى كىملىكىنى ساقلاش، تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش يولىدا ئاتىۋەتكەن، مىللەتنىڭ پەخرى، مۇنەۋۋەر زات بولۇپلا قالماستىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئاتىسى ۋە يىتەكچىسى ئىدى

 مەخسۇم ھاجىم تەلىم - تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغاندىن تاشقىرى ۋەتەندىكى شۇ ئېغىر شارايىتتىمۇ ئىلمىي خىزمەتلەرنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلغان، نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان

 مەخسۇم ھاجىم 1930يىلى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە دىنى ئائىلىدە تۇغۇلغان، (دادىسى بارات ئاخۇنۇممۇ1937-يىلى شۇ دەۋرىدىكى مۇستەملىكىچى خىتاي شىڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ تۇرمىسىدا شېھىد قىلىنغان  ئېكەن)

مەخسۇم ھاجىم 1950-1958- يىللىرى قەشقەردىكى مەدرىسىلەردە تەلىمنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ ئالتە ئايدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ15يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان

-1974 يىلى تۇرمىدىن چىقىپلا خوتەندە دەرس ئۆگىتىشكە باشلىغان

-1979 يىلى يەنە قايتا قولغا ئېلىنىپ بىر يىل مىقدارى قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بىرىلگەن

-2001 يىلى ئوغلى ئابدۇرپ ھاجىم بىلەن بىرگە تۇتۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن قويۇپ بىرىلگەن

2004-يىلى 1- ئاينىڭ2- كۈنى تالىپلارغا دەرس ئۆتەۋاتقان ئۆيدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 5يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان، بەش يىلنى تاماملاپ قويۇپ بىرىلگەن بولسىمۇ ئۆيىدە نەزەربەنت ھاياتىدا ياشىغان

  مەخسۇم ھاجىم ئاخىرقى قېتىم 2017- يىلى نويابىردا88   يېشىدا قايتا قولغا ئېلىنىپ تۇرمىغا قامالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدى- كەينىدە چوڭ ئوغلى ئابدۇرۇپ ھاجىمغا10يىىلىق ئۆي كىسىلگەن، ئائىلىسىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك كىشىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قولغا ئالغان

 ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئالىمى بولغان ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنى يېشىنىڭ چوڭلىقى، مىللەتنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىگە پەرۋاقىلماي زىنداندا شېھىد قىلىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە6ئايغىچە جەسىتىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىش يوق ئائىلىسىدىكىلەرگە6 ئاي بورۇن تۇرمىدە ۋاپات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى ئومۇميۈزلۈك قەتلىئام جىنايتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنىڭ جانلىق پاكىتىدۇر

 بۇندىن بورۇنمۇ قەشقەردە ئابلىمىت داموللا ھاجىم، ئۈرۈمچىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم، بورۇنراق خوتەندە قەمبەر داموللامدەك يۈزلەرچە مۇنەۋۋەر ئۆلىمالار خىتاي زىندانلىرىدا شېھىد قىلىندى

  شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى سادىر قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قاتتىق ئەيىپلەيدۇ ۋە بۇنداق ۋەھشى جىنايەتلىرىنى دەرھال توختۇتىشنى تەلەپ قىلىدۇ

 ئىسلام دۇنياسى، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى جۈملىدىن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى،  تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى، دۇنيا ئىسلام ئۆلىمالار بىرلىكىدەك تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىكى تەسەۋۋۇردىن تاشقىرى زۇلۇملارغا قارىتا ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىدۇ

بارلىق خەلقىمىزگە باش ساغلىقى تىلەيدۇ. ئائىلە تاۋاباتلىرىگىمۇ باش ساغلىقى تىلەش بىلەن بىرگە سەبىر تەھەممۇل تىلەكلىرىدە بولىدۇ

 ئاللاھ ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنىڭ شاھادىتىنى قوبۇل قىلسۇن، ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.. ئامىين!!

ئىننالىللاھ ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن

 

ھۆرمەت بىلەن:

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ