ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاڧا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-09 14:14:13 جەمئى 1430 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاڧا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى.


شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاڧا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى. 
8- ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئۇچقۇن، ئۆلىمالار بىرلىكى كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات ۋە ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزاسى نىزامىددىن تەمكىنى قاتارلىق بىر ھەيئەت دېنىزلى ئىسلام ئېنىستۇتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى ۋە غايە ۋەخپىنىڭ رەئىسى، تونۇلغان ئالىم ۋە دەۋەتچى پروفېسسور دوكتۇر مۇستاڧا جەۋات ئاقشىتنى زىيارەت قىلدى. 
زىيارەت جەريانىدا، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى تونۇشتۇرلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىقلىرى تەپسىلىي ئاڭلىتىلدى. 
پىروفېسسور دوكتۇر مۇستاڧا جەۋات ئاقشىت شەرقىي تۈركىستاندا بولىۋاتقان زۇلۇمنى يېقىندىن كۈزۈتۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى تۈركىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 
زىيارەت ئاخىرىدا يەنە، شەرقىي تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنى دېنىزلى ئىسلام ئېنىستۇتىغا قوبۇل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ