ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

شەيخ بىلەن شاگىرت

شەيخ بىلەن شاگىرت

بىر شەيخ بىلەن ئۇنىڭ شاگىرتى ئېتىزلىقتا كېتىۋېتىپ كونا بىر جۈپ ئاياغنى ئۇچرىتىپ قالدى ,ۋە ئۇنى يېقىن ئەتراپتىكى بىرەر ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان , ئىشىنى تۈگىتىپ ئايىغىنى ئالغىلى كېلىدىغان بىر كەمبەغەل ئەرنىڭ ئايىقى ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى , شاگىرت شەيخكە :
-ئىي شەيخىم بۇ ئىشلەمچىگە چاقچاق قىلىپ قويساق قانداق قارايدىلا ؟ بىز بۇ ئاياقنى تىقىپ قويايلى , ئۇ ئىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگىنىدە ئايىغىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ قانداق قىلىدىكىن كۆرۈپ بارمامدۇق ؟ -دەپتۇ.
- شەخ شاگىرتىغا : بىز ئۆز كۆڭلىمىزنى باشقىلارنىڭ قايغۇسى بىلەن خۇش قىلساق بولمايدۇ , لېكىن ئوغلۇم سەن بېرىپ بۇ كەمبەغەلنىڭ ئايىغى ئىچىگە پۇل سېلىپ قويۇپ بىر يەرگە يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ، مۇشۇ قىلغىنىڭنىڭ ئۇنىڭغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقنى كۆرۈپ باققىن , ئۆزۈڭنى خۇشال قىلىشىڭ مۇمكىن -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
شاگرتقا بۇ چارە ياراپ قاپتۇ-دە كەمبەغەلنىڭ ئايىقى ئىچىگە پۇل تىقىپ قۇيۇپ شەيخ بىلەن شاگرىت ئىككەيلەن ئۇنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن دەرەخنىڭ كەينىگە يوشۇرنۇپتۇ.
بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن، كېيىن كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر ئەر ئېتىزلىقتىكى ئىشىنى تۈگىتىپ ئايىقىنى ئالغىلى كەپتۇ. كەمبەغەل ئايىقىنى كىيىپ ئىچىدە بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ ھەيران بوپتۇ ۋە ئۇنى چىقىرىپ پۇل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. يەنە بىر پاي ئايىغىدىمۇ پۇل بارلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرمەيۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن پۇلغا قايتا -قايتا قاراپتۇ. كېيىن ئۇ ئەتراپىغا تەپسىلى قاراپ ھېچقانداق ئادەم يوقلىقىنى كۆرۈپ پۇلنى يانچۇقىغا سېلىپ , دەرھال تىزلانغىنىچە يىغلىغان ھالەتتە ئاسمانغا قاراپ يۇقىرى ئاۋازدا:« ئې رەببىم , ئايالىمنىڭ كېسەل , بالىلىرىمنىڭ بىر بۇردا نانمۇ تاپالماي ئاچ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلگۈچى زات ئۆزلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مىنى ۋە بالىلىرىمنى ئۆلۈمدىن قۇتقازدىلا! » دەپ رەببىگە خىتاب قىپــتۇ. ھەمدە ئاسمانغا قاراپ بۇ ئاللاھدىن كەلگەن ئېسىل سوۋغاتقا شۈكرى ئېيتىپ ئۇزۇن يىغلاپتۇ. شاگىرت بۇنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەن ھالدا كۆزلىرى لىق ياشقا تولۇپتۇ. شەيخ شاگرتتىن :
- سەن ھازىر ئاۋۋالقى تەدبىرىڭ بويىچە ئۇنىڭ ئايىقىنى تىقىپ قويۇپ خۇش بولغاندىن بەكرەك خۇشال بولغانسەن؟ دەپ سوراپتۇ.
-شاگىرت : مەن بۈگۈن ھاياتىمدا ئۇنتۇپ قىلمىغۇدەك دەرسىدىن بىرنى ئۆگەندىم. ھاياتىمدا چۈشەنمىگەن « سەن بەرگىنىڭگە ئالغىنىڭدىن بەكرەك خوشال بولىسەن » دېگەن بىر ھېكمەتنى مانا ئەمدى چۈشەندىم دەپ ، جاۋاپ بېرىپتۇ.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ