ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

غايىبانە جىنازا نامىزىغا تەكلىپ

 

غايىبانە جىنازا نامىزىغا تەكلىپ

خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن تۈرمىسدە شەھىت قىلىنغان ئۆلگىلىك ئۇستاز ئابدۇلئەھەت بارات مەخدۇم ھاجىمنىڭ غايىبانە نامىزىنى تۈرىيىنىڭ ئىستانبۇلدا چۈشۈرۈش قارار قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئەقىيدىسىنى ساپلاشتۇرۇش، ئىسلامى ۋە مىللى كىمىلىكىنى ساقلاش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي زۇلمدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 20 يىل ئەتراپىدا خىتاي تۈرمىسىدە ئەزىيەت چەككەن. بىر ئۆمۈر دىنى ئوقۇتۇش، تەربىيىلەش يولىدا خالىسانە خىزمەتلەرنى قىلغان مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلئەھەت مەخدۇم ھاجىم ئالدىنىقى يىلى 11- ئايدا خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن تۇرمىگە قامىلىپ، 86 يېشىدا شېھىت قىلىندى.

مەرھۇمنىڭ غايىبانە نامىزىنى چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە خىتاي رېجىغا قارشى نايانات ئېلان قىلىش قارار قىلىندى.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە ئىچى ۋە سىرىتىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى نامازغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز. باشقا دۆلەتتە ياشاۋاتقان شارائىتى يار بەرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ  ئوخشاش ۋاقىتتا غايىبانە نامىزى چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شەھىت ئۇستازىمىزنىڭ غايىبانە نامىزى 2018- يىلى 1- ئىيون ( جۈمە كۈنى) جۈمە نامىزىدىن كېيىن چۈشۈرۈلىدۇ.

ئورنى: ئىستانبۇل فاتىھ رايونى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ جامىسى

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ