ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

غۇلجىدىكى مەلۇم « تەربىيىلەش لاگېرى» ئوقۇتقۇچىسىدىن قازاقىستان خەلقىگە مەكتۇپ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-09 17:00:12 جەمئى 1371 قېتىم ئوقۇلغان.

غۇلجىدىكى مەلۇم « تەربىيىلەش لاگېرى» ئوقۇتقۇچىسىدىن قازاقىستان خەلقىگە مەكتۇپ

غۇلجىدىكى مەلۇم « تەربىيىلەش لاگېرى» ئوقۇتقۇچىسىدىن قازاقىستان خەلقىگە مەكتۇپ
9- ئىيۇل شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم «تەبىيىلەش لاگېرى»دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان جۈرئەتلىك قازاق قىزى، قازاقستان خەلقى شۇنداقلا خەلقئاراغا شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش « تەربىيىلەش لاگېرى» ۋە لاگېر سىرتىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇم ۋە يولسزلىقلارنى پاش قىلىش ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ، مەكتۇبىدا «تەربىيىلەش لاگېرى»نىڭ ئەھۋالى تۈرمىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئەھۋاللاردىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى، تۈرمىدىكى قىرغىنچىلىقنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەكتۇپتا مۇنداق دىيىلگەن:« مىنىڭ جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ تۇرۇپ يازغان مەكتۇپىم سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تېگەمدۇ ياكى تەگمەمدۇ، بۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچىكىم بىلمەيدۇ. مەن پەقەتلا تەلىيىمنى سىناپ كۆردۈم خالاس. ئەگەر تۇتۇلۇپ قالسام «تەربىيىلەش لاگېرى»غا كىتپ قېلىشىم مۇمكىن. بولمىسا« تەبىيىلەش لاگېرى»دا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىمەن. ئاللاھتىن ئۆزۈمگە ۋە ھەممىڭلارغا ئامانلىق تىلەيمەن.»
«1.خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھەممە نەرسىنى نازارەت قىلىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ قازاق خىزمەتچىلىرى بىلەن قازاق كادىرلىرىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى نازارەت قىلدۇ2. ھازىر « تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتى» بۇرنقىدەك ئەمەس. بۇرۇن كادىرلار پۇقرالارنىڭ ئۆيىدە بىر ئاي ئىچىدە 15 كۈن تۇراتتى. پۇقرالارنىڭ ئەرز قىلىش ۋە نارازىلىق بىلدۈرۈش سەۋەبلىرىدىن ھازىر بىر ئايدا ئۈچ كۈن تۇرىدىغان بولدى. مەجبۇر توغقان قىلىنغان كادىرلار بەزى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە بارماي يانڧۇن ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلەيدىغان بولدى. مەيلى كوممونىستلار بولسۇن ياكى پۇقرالار بولسۇن خىتاينىڭ تۇغقانلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن بەك زېرىكتى. كوممۇنىست كادىرلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە ئۆزى بارماي ياللانما خادىملارنى ئەۋەتىدىغان بولدى.3 قازاقىستاندا مال- مۈلكى بارلار ئۆزىنىڭ مال- مۈلكىنىڭ ھەقىقى بارلىقىنى ئىسپاتلىسا بارلىق مۈلكىنى رەنىگە قويۇپ ئاندىن قازاقىستانغا چىقالايدۇ.4 دىنى پائالىيەت، دىنغا ئىشىنىش قاتتىق چەكلەندى، ھەتتا«بىسمىللاھ» دىيىشكىمۇ روخسەت قىلىنمايدۇ. قازا قىلغانلارنىڭ جىنازا نامىزىنى چۈشۈرۈشكە روخسەت قىلماي دەپنە قىلىشقا باشلىدى. خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىنىڭ دىنى پائالىيەتنى چەكلىمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ئالدامچىلىق قىلىش ئۈچۈن بىر شەھەردە بىرلا مەسچىتنى قويۇپ باشقا مەسچىتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋەتتى. 5 قازاقىستانغا بېرىپ كەلگەن ئادەمنى كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، نىمىلەرنى دېيىشكەنلىكىنى تەپسىلى سورايدۇ. سوراق داۋامىدا ئەگەر ئالدىدىكى جاۋاب بىلەن كېيىنكى جاۋاب ئوخشاش چىقمىغانلار دەھال تۇتقۇن قىلىنىدۇ. 6 «تەربىيىلەش لاگېرى»دا كېسەل بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. كىسەللەرنىڭ كۆپرەكى ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغان، ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىپ ۋارقىراپ ئالدىغا كەلگەننى يەپ غالجىرلىشىپ كەتكەنلەر ياكى دەلدۈش بولۇپ قالغانلار. ئۇلار دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈلسە تېنى ساغلام بولۇپ چىقىدۇ.7 ئەر- ئايال «تەربىيىلەش لاگېرى»غا كىرگەنلەر قەرەللىك كۆرۈشتۈرۈلىدۇ. ئايال كىشنىڭ كىيىمىنى ئۆزىنىڭ كىيىمى بىلەن قوشۇپ ئەرلەرنى يۇيۇشقا مەجبۇر قىلىندۇ. 9 « تەربىيىلەش لاگېرى» دىكى ئەھۋاللار تۈرمىدىكى ئەھۋاللاردىن ياخشىراق. تۈرمىدىكى ئەھۋاللارنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.»


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ