ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقسىتاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-09 17:44:46 جەمئى 1434 قېتىم ئوقۇلغان.

قازاقسىتاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا

قازاقسىتاندا خىتايغا قارشى كەيپىيات ئەۋج ئالماقتا
8- يانۋار zhe jamestown ۋەقف خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى خەلقئارادا << تېررورچى >> قىلىپ كۆرسىتىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە بېسىم ئىشلىتىپ شەرقىي تۈركستانغا خىتاي كۆچەمەنلىرىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارغىمۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ئېلىپ بارغانلىقى، خىتاينىڭ قازاقلارغا قىلغان يولسىزلىق قىلمىشلىرىغا خەلقئارا جەمئىيەتتىكى قازاقلار قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ قازاقلارغا قىلغان يولسىز قىلمىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ ، پرېزىدېنت مىرسۇلتان نەزەربايۇپقا مەكتۇپ يازغانلىقى، مىرسۇلتان نەزەر بايۇپنىڭ<< مەن خىتاينىڭ قازاقلارغا زۇلۇم قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم >> دەپ جاۋاپ بېرىش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىك پائالىيەت ئارقىلىق تەكشۈرۈپ جاۋابىنى بېرىدىغانغا ۋەدە قىلغانلىقىنى ، 2017- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاقىستان دېموكراتىك پارتىيە مەسئۇللىرى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يېغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارغىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفۇن ئالاقىسى قىلىشىنى چەكلىگەنلىكى، ھەتتا بىر قىسىم قازاقلارنى ئۇيغۇرلارنى قاماپ زۇلۇم قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش << تەربىيىلەش مەركەزلىرى>> گە قاماپ جازالىغانلىقى، ھەتتا مەخپى سوت ئېچىپ قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى، قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە خىتاينىڭ قازاقلارغا زۇلۇم قىلىش ئەھۋالىغا قارىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەل قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى، چاقىرىقنىڭ بىرىنى قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە، بىرىنى خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بەرگەنلىكى، قازاقلار ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتپلىرىدىن دەرھال بىر كومىتېت قۇرۇپ خىتاينىڭ قازاقلارغا قىلىۋاتقان زۇلمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغانلىقى، بىر قانچە قازاقىستان پارلامېنت ئازسىمۇ خىتاينىڭ يوقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ