ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قازاقىستاندىكى خىتايلار قازاقىستاندىن كىتىشكە باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-06 11:22:47 جەمئى 1086 قېتىم ئوقۇلغان.

قازاقىستاندىكى خىتايلار قازاقىستاندىن كىتىشكە باشلىدى

قازاقىستاندىكى خىتايلار قازاقىستاندىن كىتىشكە باشلىدى
قازاقىستاندىكى خىتاي ئىشلەمچىلىرى قازاقلارنىڭ مۆھلەت بېرشى بىلەن قازاقىستاندىن چىقىپ كېتىشىگە باشلىغان.
-2017 يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى كەڭ- كۆلەمدە تۈرمە ياكى ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى»غا قاماش بىلەن بىرگە قازاقلارنىڭ پاسپورتىنى يېغىۋېلىپ تۈرمە ياكى لاگېرغا سولاشقا باشلىدى. بىر قانچە قازاق ئۆلىمالىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە شېھىت قىلىندى. قازاقىستاندىكى قازاقلارمۇ خىتاينىڭ ئېغىر زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. قازاقىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا توغقان يوقلاپ بارغان نۇرغۇن قازاقلارنى خىتاي ساقچىلىرى تۇتقۇن قىلىپ قازاقىستاندىكى پەرزەنتلىرى ئىگە- چاقىسىز قالدى. يېقىندا قازاقستان ئاخبارات ئورۇنلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان تۈرمە ۋە ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرلىرى»دا 100 مىڭ ئەتراپىدىكى قازاقنىڭ سولانغانلىقىنى خەۋەرلەردە تارقاتتى. خىتاي رىجىمى ئۇيغۇرلارنى ھەر قانچە باستۇرسىمۇ ھېچكىم ئېگە بولمىغىنىدەك قازاقلارغىمۇ ھېچىكىم ئېگە بولمايدۇ دەم ئويلاپ، قازاقىستان نوپۇسىغا ئىگە قازاقلار بولسۇن ياكى باشقا قازاقلار بولسۇن ئايرىماستىن باستۇردى. قازاقستان خەلقى قازاقستان ھۆكۈمىتىگە قازاقلارغا ئېگە بولۇش ھەققىدە نۇرغۇن قېتىم ئىلتىجا قىلغان بولسىمۇ بىراق قازاقستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ يولسىزلىقى ۋە زوراۋانلىقىغا قارشى ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايلارنىڭ قازاقىستاندا بارغانسېرى يامراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋەتەنپەرۋەر قازاقستان خەلقى ئاخىرى ئورنىدىن دەس تۈردى.
-30ئىيۇن قازاقستان خەلقىدىن تەشكىللەنگەن ۋەتەنپەرۋەر ياشلار يېغىلىپ خىتاينىڭ قازاقىستاندا سېلىشقا باشلىغان قۇرۇلۇشلىرىنى سۆككەن ھەمدە بىر قانچە قازاق ياشلىرى بىر يەرگە يېغىلىپ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، « بۇ يەر بىز قازاقلارنىڭ، بىز قازاقلارنىڭ زىمىنىغا قەست قىلشنى ئويلاشقانلار سۆزىمىزگە قولاق سالسۇن: بىز بۇ يەردە توغۇلۇپ ئۆستۇق، بىز زېمىنىمىزنى ئاخىرقى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە قوغدايمىز!!!» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈشتى.
2-ئىيۇل قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ۋىجدانلىق، ۋەتەن سۈيەر قازاق خەلق تەشكىللىنىپ، كېچىدە قازاقىستاندا قۇرۇلغان خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئىش ئورۇنلىرىغا كىرپ خىتايلارنى ئويغىتىپ « بۇ بىزنىڭ زېمىنىمىز، بىز مۇسۇلمان خىتايلار بۇ يەردە ھاراق ئىچىپ قالايمىغان ئىشلارنى قىلىپ مۇھىتىمىزنى بۇلغىۋەتتى. بىر قىسىم خىتايلار ھەددىن ئېشىپ قازاق قىزلىرى بىلەن توي قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ سەنلەرگە ھېچقانداق يامام نىيىتىمىز يوق. ئېلگىرى سېتىپ ئالغان يەرلەرنىڭ ھەممىنى بوشىتىپ دۆلىتىڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار. بىز سىلەر دۆلىتىڭلارغا كېتىپ بولغاندىن كېيىن سىلەرنىڭ نەرسىلىرىڭلارنى بۇزۇپ تاشلايمىز. بىز ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايمىز، بىز زېمىنىمىزنى جېنىمىز بەدىلىگە قوغدايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ خىتايلارنىڭ قازاقىستاندىن چىقىپ كېتىشىگە مۆھلەت بەرگەن ئىدى
ۋەتەنپەرۋەر قازاقىستان خەلقىنىڭ جۈرئەت قىلىپ ۋەتىنىگە ئېلىش بولۇش ئۈچۈن قىلىغان تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتمىگەن. ئىگىلىنىشچە قازاقىستانغا يىڭى كەلگەن خىتايلار كۆچۈشكە باشلىغان، بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى خىتاي شىركەتلىرىدە ئىشلەيدىغان ئىشچى خىتايلار كۆچۈشكە باشلىغان ھەمدە ئىلگىرى قازاقىستانغا ھەركۈنى بىر قانچە ئاپتوبۇس بىلەن كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ سانىمۇ كۆرنەرلىك ئازلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ