ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خوش چىراي ۋە تىلى تاتلىق ئىدى. ھېچكىمگە كۆڭلى ئاغرىغىدەك سۆز قىلمايتى. ھەممىشە سۈكۈنات ئىچىدە تەمكىن ئىدى. سۆز قىلىشلىرى سەمىمى ۋە جۈملىلىرى راۋان ئىدى.

 

 

قانچىلىك ئۆلگە ئالدۇق؟

 

بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلامنى ئاللاھ تەلەپ قىلغان شەكلى بىلەن ياشىشىمىزدا نۇرغۇنلىغان سەۋەنلىكلىرىمىز بولغىنىدەك، ئەخلاقى مۇئامىلىدىمۇ نۇرغۇن كەمچىلىكلىرىمىز بار.  ئىسلامنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى ئورۇنلاش بەزى ئىمكانلارنى زورۇر قىلغان بىلەن ئەخلاق ۋە مۇناسىۋەتىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن ياشاش ھېچقانداق بىر شەرت ۋە ئىمكان تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ ئاسان، بىراق نەتىجىسى، ئۇنىمى ئەڭ ياخشى بولغان ئىشتۇر.  قىيامەت كۈنى تارازىدا ئەڭ ئېغىر توختايدىغان ئەمەلنىڭ  گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەئالا تەرىپىدىن قۇرئاندا: «شۈبھىسىزكى سەن ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىسەن» دەپ ماختالغان ئىدى.

بىزگە يول باشچى ۋە ئۈلگە قىلىپ ئەۋەتىلگەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئەخلاقىنىڭ قۇرئاندا ماختىلىشى بىزنى ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكى، ئەخلاقتا، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى تۇتۇشىمىز كېرەكلىكىنىڭ ئېنىق بۇيرۇقىدۇر.  قېنى ئۇنداق بولسا ھەممىمىز يادقا دېگىدەك بىلىدىغان، لېكىن ئەمەل قىلىشتا دائىم كەمچىلىك قىلىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ بەزى گۈزەل ئۆلگۈلىرىگە قاراپ باقايلى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەم روھى ھەم بەدىنى جەھەتتىن ئىنسانلار ئىچىدە ئەڭ پاكىزى ئىدى. ئىچ ۋە تېشى پاكىزلىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. خوش چىراي ۋە تىلى تاتلىق ئىدى. ھېچكىمگە كۆڭلى ئاغرىغىدەك سۆز قىلمايتى. ھەممىشە سۈكۈنات ئىچىدە تەمكىن ئىدى. سۆز قىلىشلىرى سەمىمى ۋە جۈملىلىرى راۋان ئىدى. سۈننى ھەرىكەتلەرنى ھېچ ياخشى كۆرمەيتتى. ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان، رىياكار ھەرىكەتلەرنى ھېچ قىلمايتى. پاكىز ۋە ئاددى – ساددا كىيىنەتتى. ئۈممىتىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ھەقتىن ، توغرۇلۇقتىن ھېچ بىر ۋاقىت ئايرىلمىغان، بىرىلىرىنىڭ پادىشا ۋە كۈچلۈك ، باي بولۇشلىرى ئۇنىڭ ئاللاھ يولىدىكى دەۋەتىگە ھېچ توسالغۇ بولالمىغان ئىدى. شىجائەتى، جاسارىتى، قورقماسلىقى ، سېخى ۋە مەرتلىكى بىلەن ھەر ۋاقىت ئەڭ جانلىق ئۆرنەك ئىدى.  كىمگە نېمە ئۈچۈن ۋەدە بەرگەن بولسا ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇراتتى. ھاياتىدا ھېچبىر ۋاقىت ماددى نەرسىلەرگە، راھەت – پاراغەتكە  بېرىلمىگەن ئىدى، ھەر زامان قانائەتچان ئىدى.  ھەممە ئادەمگە سەمىمى ، كەمتەرلىك بىلەن  مۇئامىلە قىلاتتى. ھېچ بىر ئىنساننى تۆۋەن كۆرمەيتتى. ئۆزىگە قارىتا مۇئامىلىدە ۋە ھۆرمەتتە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنى كەچۈرەتتى. ئەتراپىدىكىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇيتى. مىجەزى ئوسال، نادان ، جاھىل ئىنسانلار بىلەن ئارتۇقچە دە- تالاش قىلىشمايتتى، ئارىلىق ساقلايتى. ئاياللىرى ۋە بالا -ۋاقىلىرى ئۈچۈن ئەڭ كۈيۈمچان، ئەڭ شەپقەتلىك  ئەر ۋە دادا ئىدى. ئاياللىرىغا دىل ئاغرىتىدىغان سۆز قىلمايتتى. ئاياللىرى ۋە بالىۋاقىلىرىنىڭ ھېچ بىرىگە قول تەكۈزۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇلارغا پەقەتلا ھاقارەت سۆزى سۆزلەپ باقمىغان ئىدى. ھەتتا ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى قۇلىغا ناچار مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ جەننەتكە كىرەلمەيدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.ئۇرۇغ- تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تۇغقان ئىدى. باشقىلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىقىنى ھېچ ئۇنۇتمايتى. ئۆتمۈشتە ئۆتكەن پەيغەمبەر ۋە سالىھ ئىنسانلارنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالاتتى. كەلگۈسىدە ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان سالىھ ئۈممەتلىرى ھەققىدە ئىنتايىن ھۆرمەت بىلەن خوش بىشارەتلەر بەرگەن ۋە ئۇلارنى كۆرۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 قېنى ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار بىز ھەممىمىز ئاللاھنىڭ جەننىتىنى ئۈمۈد قىلىۋاتقان ، مەھشەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپۇتىمىز بىلەن بۇ سۈپەتلەرنىڭ  قايسىسىدىن  قانچىلىك ئۈلگە ئېلىۋاتىمىز ؟!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ