ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي كەڭ دائىرىلىك شېرىكچىلىك باياناتى ئىمزالىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-07 15:29:28 جەمئى 1084 قېتىم ئوقۇلغان.

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي كەڭ دائىرىلىك شېرىكچىلىك باياناتى ئىمزالىدى

قىرغىزىستان بىلەن خىتاي كەڭ دائىرىلىك شېرىكچىلىك باياناتى ئىمزالىدى

7- تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، پىرېزىدېنت سوئورونباي جېئېنبېكوۋ بېيجىڭغا قاراتقان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە، خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەن.

سوئورونباي جېئېنبېكوۋ زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «قىرغىزىستان خىتاينى ئىشەنچلىك قوشنا، شېرىك ۋە دوست، دەپ قارىماقتا. دۆلىتىمىز خىتايغا نىسبەتەنمۇ دوست، ئىشەنچلىك ۋە مۆلچەرلەشكە بولىدىغان بىر شېرىك بولدى ۋە مۇشۇنداق قالىدۇ. خىتاي زىيارىتىم تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

جېئېنبېكوۋ، پىرېزىدېنت سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولغانلىقدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەۋجۇت دوستلۇق، ياخشى قوشنىدارچىلىق ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنىڭ نېگىزىدە ئۆزئارا ئىشەنچ ئامىلى ياتىدۇ. خىتاي قىرغىزىستاننى ئىئانە، قەرز ۋە تېخنىكىلىق ياردەم تۈرى بويىچە كۈچلۈك ھەمنەپەس بولماقتا. بۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىگە قوشۇلغان ناھايىتى مۇھىم تۆھپىدۇر» دېگەن.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى پىرېزىدېنت، خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك باياناتىنى ئىمزالىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ