ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قۇددۇس قانداق قۇتۇلىدۇ؟

قۇددۇس قانداق قۇتۇلىدۇ؟

كامال ئۆز تۈرك
8. دېكابىر يېڭى شەپەق گېزىتىدە ‹‹ قۇددۇس قانداق قۇتۇلىدۇ ›› تېمىسىدا بىر پارچە ماقالە يېزىلغان. ماقالە كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئاۋازغا ئېلىنغان نۇسخىسىدىن ئەركان رادىئو قانىلىدا ئاڭلىتىلغان . مەن بۇ ماقالىنى رادىئودا ئاڭلىغان ھامان ماقالىنىڭ ئەسلى تېكستنى ئىزدەپ تاپتىم ۋە بۇنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا سۇنۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. چۈنكى بۇ ماقالە ھەم قۇددۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم ستراتېگىيىلىك يول كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، قۇتۇلۇش ئۈمىدىدە مۇجادىلە قىلىۋاتقان بارلىق ئىسلام ئالىمىدىكى ھەر بىر دۆلەت شۇنداقلا بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتمىلەرگە ئىگە ئىكەن دەپ ئويلىدىم.
ئۇزۇن يېزىقچىلىق ھاياتى بىلەن ھەتتا تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي ساھاسىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، بىر مەزگىل تۈكىيە باش مىنىستىرلىكىدە مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپسىنى ئۆتەپ كەلگەن ، ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن تۈركىيىدە كۈچلۈك تەسىرى بولغان كامال ئۆز تۈرۈك ئەپەندىنىڭ ماقالىسى تۆۋەندىكىدەك يېزىلغان.

قۇددۇسنىڭ قۇتۇلۇشى ئۈچۈن:

بىرىنچى قائىدە: بىر مۇجادىلە، داۋا، قارشى تەرەپتىكى كىشىنىڭ كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى سېنىڭ ئاجىز بولغانلىقىڭ سەۋەبى بىلەن مەغلۇپ بولىدۇ. كۈچلۈك بىر دۆلەت، كۈچلۈك بىر مىللەت، كۈچلۈك بىر شەخس بولىشىڭ كېرەك.

ئىككىنچى قائىدە؛ كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن دۆلەت ئەقلىنى، ئامىۋى تەشكىلاتلار ئېنىرگىيسىنى،شەخسلەر بولسا ئىمانىنىڭ كۈچىنى قوللىنىدۇ. شۇڭا بۇلارنى بىر- بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتمە. ھەممىسى بىر يەرگە كەلسە بىرلىشىدۇ، جانلىق بولىدۇ. كۈچلۈك بولىدۇ.

ئۈچىنچى قائىدە: قۇددۇسنىڭ پەتھى قىلغۇچى سالاھىددىن ئەييۇبىينىڭ ‹‹ دوستلىرى بىلەن تىركەشكەنلەر دۈشمەنلىرىنى يېڭەلمەيدۇ›› دېگەن سۆزىنى ئۇنتۇپ قالما!

دوستلىرىڭ بىلەن، سەپەر ھەمراھلىرىڭ بىلەن، مۇسۇلمان قېرىندىشىڭ بىلەن تىركەشمە. غەيۋەت قىلما، ئۇلارنى چەتكە قاقما. ئۇلارنى ئاجىزلاشتۇرمىغىن! سەپلەرنى بۇزمىغىن، ئادەملەرنى يېنىڭدىن قاچۇرما، بۇنداق قىلغانلارغا ھەم رۇخسەت قىلما. بىردىن بىر غايەڭ ، بىردىن بىر دۈشمىنىڭ قۇددۇسنى ئىشغال قىلغانلار بولسۇن. ئىشغالىيەتچىلەرنى قوللاۋاتقانلار بولسۇن. بۇلارغا مەركەزلەش. ئېنىرگىيەڭنى بۇ يەر ئۈچۈن ئىشلەت.

تۆتىنچى قائىدە:

دۇنيادا ھەركىمگە ئۆلگە بولغىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئالدى بىلەن ‹‹ ئەمىن›› بولغىن. ئاندىن كېيىن مۇسۇلمان بول. دۇرۇست بولغىن. ئادىل بولغىن. ئىشچان بولغىن. مەرھەمەتلىك بولغىن. قۇددۇسنى پەقەت ھەممە جەھەتتىن ئىنسانلارغا ئۈلگە بولغان ئىنسانلار باشقۇرالايدۇ. بۇنداق ئۈلگە بولغان ئىنسانىڭ قانداق ئىنسان ئىكەنلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا كۆرسەتكىن.
بەشىنچى قائىدە:
قۇددۇسنى پەقەت ھېس تۇيغىلىرىڭنى، ئەقىدەڭنى قوللىنىپلا قۇتۇلدۇرالمايسەن. ئەقلىڭنى ئىشلەت. بىلىمىڭنى ئىشلەت. مەلۇماتىڭنى ئىشلەت. تېخنىكىدىن پايدىلان. ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىشلەت. دىپلوماتىيىنى ئىشلەت. ئۇنۋېرستېتلەردە تەتقىقات ئىزدىنىش مەركەزلىرىنى قۇرغىن. مۇستەقىل ئىش ئېلىپ بارىدىغان فاكۇلتېتلار قۇرغىن. بىلىم ھەقىقەتتۇر، مەلۇمات ھەقىقەتتۇر. بۇلارنى دۇنيا مىقياسىغا يايغىن.

ئالتىنچى قائىدە: قۇددۇس پەقەتلا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمەس، ئىنسانلىقنىڭ مەسىلىسىدۇر. خرىستىئانلارنى، سىيونىست بولمىغانلارنى ،يەھۇدىيلارنى ئۆز تەرىپىڭگە تارتقىن. ئۇلار بىلەن بىرگە ھەل قىلىش يوللىرىنى تاپ. مەسىلىنى خەلقئارالىق نوقتىغا ئېلىپ چىققىن. ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ئۈچ دىن ئۈچۈن قۇرغان مۇكەممەل سېستىمىسىنى ياخشى ئۆگەنگىن. ئۇنى بۈگۈنكى دەۋرىمىزگە تەتبىقلا. ئۇنى تېنچلىقىنىڭ ئالدىن پىلانى ئورنىدا ئىنسانلىقنىڭ خىزمىتىگە سۇنغىن.

يەتتىنچى قائىدە:

ئاۋازىڭنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پەقەت شۇئار توۋلاش بىلەن توختاپ قالما. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە تەسىرى كەڭ بولغان ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە بولغىن. خەلقئارادا تەسىرى بولغان تېلېۋىزور، گېزىت ، ئاگېنتلىقلار، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ماركىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغىن، ھەقلىق داۋانى دۇنياغا ئاڭلات.

سەككىزىنچى قائىدە:

قۇددۇس پەقەتلا بىر ئورۇن ئەمەس. ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق بولغان مەدەنىيەت بايلىقىدۇر. تارىخ ئەسەرلىرىنى، تارىخىي قۇرۇلۇشلارنى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى بىلگىن. بۇلارنىڭ ئىسرائىل تەرىپىدىن قانداق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەيران قىلىنغانلىقىنى كۆرگىن. بۇنى دۇنياغا ئاڭلاتقىن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى مەھكىمىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگىن!

توققۇزىنچى قۇرال: ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى بىرلىشىشكە، ئورتاق بىر پوزىتسىيەدە بولۇشقا ، بىردەك بولۇشقا مەجبۇرلا. ئىقتىدارلىق كۈچلەرگە بۇ ھەقتە كۈچلۈك ۋە قاتتىق تەلەپتە بولغىن. مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ بىرلىشىشىنىڭ يولى ئۈستىدە ئىزدەن. بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خەلقلىرىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلەيدىغان ئاممۋىي تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنى قۇرغىن. تەشكىللەرنى ئېلىپ بارغىن. پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇر.

ئونىنچى قائىدە:

بارلىق كۈچلەر بىلەن مۇجادىلە قىلغىن. بىراق تەلۋىلەرچە قاراملىق قىلما. ھوقۇققا زىت ئىشلارنى قىلما. قانۇنسىز قارام، تەلۋىلىكلەر سېنىڭ داۋايىڭنى ئادىيلاشتۇرۇپ، دۈشمىنىڭنى ھەقلىق قىلىپ قويۇدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى قائىدە: كۆپ تىرىش! كۆپ تىرىش! كۆپ تىرىش! دۇنيانى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئىشىڭنىڭ ئەھلى بولغىن. ئاندىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلغىن. ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ياردەمچىنى ھەرگىز تاپالمايسەن!

ھازىرلىغۇچىدىن مۇھىم ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر يەرلىرىدىن باشقا كۆپىنچە يېرى بىز ئۈچۈن پايدىلىنىشىمىزغا ، پىكىر يۈرگۈزۈشىمىزگە، ئۆلگە ئېلىپ ئەمەلىيىتىمىزگە تەدبىقلىشىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدىكەن دەپ قارىدىم. ھەتتا بۇنى بىز ئىچىدىكى قۇددۇس كەلىمىسىنى شەرقىي تۈركىستان، ئىسرائىل يېرىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى دەپ ئالغىنىمىزدا باشقا نۇرغۇن تەرەپلىرىدە ئۆزگرىش كىرگۈزمەي قوبۇل قىلغىدەك دەرىجىدە ئۈنۈملۈك رولغا ئىگە ئىكەن دەپ قارىدىم. چۈنكى قۇددۇس پۈتۈن ئىسلام دۇنيادىكى مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن قانداق مۇقەددەس بولسا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئىسلام تۇپرىقى بولغان 40 مىليونغا يېقىن تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا يۇرتى شەرقىي تۈركىستان ھەم مۇقەددەس ئىسلام دىيارىدا. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« ھېكمەت مۆمىننىڭ يوقۇتۇپ قويغان بايلىقىدۇر. ئۇنى قايەردە ئۇچراتسا شۇ يەردە ئېلىشقا ھەقلىق » دېگەن ھەدىسىنىڭ روھى بويىچە يۇقىرىقى پىكىرلەرنىڭ بىزگە پايدىلىق بولغان كۆرسەتمىلىرىنى ئېلىشىمىز ۋە تەدبىقلىشىمىز بىزگە مەنپەئەتلىك دەپ قارايمەن. خاتالىق بولسا مەندىن ، توغرىسى ئاللاھتىن . ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
‹‹يېڭى شەپەق گېزىتى›› دىن ئېلىندى  

تەييارلىغۇچى:
مۇنەۋۋەر ئۆز ئۇيغۇر

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ