ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

قەشقەردە بىر مەسچىت مەيخانا قىلىپ ئىشلىتىلدى

قەشقەردە بىر مەسچىت مەيخانا قىلىپ ئىشلىتىلدى
5- ئۆكتەبىر ڧەييىسبۇك سەھىپىسىدە تارقان سۈرەتلىك ئۈچۇردا مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇسۇلمانلارنى قەشقەر دوپپا بازىرىدىكى مەسچىتنى مەيخانا ۋە چايخانا قىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان.
بۇ يىل كىرگەندىن بىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قاراتقان دۈشمەنلىك سىياسىتى دائىرىسى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونىدىكى كوچا ئىچى ۋە كۆزگە چېلىقمايدىغان ئورۇندىكى مەسچىتلەرنى چېقىۋەتكەنلىكى، خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆز بويامچىلىق قىلىش، ئىسلام ئەللىرى ۋە خەلقئارا جەمئيەتكە كۆرسىتىش ئۈچۈن يول بويىدىكى ۋە مەركىزى ئورۇنلاردىكى مەسچىتلەرنى قويۇپ قويغانلىقى ئىنىقلانغان ئىدى.
مەزكۇر مەسچىت ھېيتكاھ مەسچىتنىڭ ئۇدۇلىدىكى دوپپا بارىغا جايلاشقان ئىككى قەۋەتلىك مەسچىت بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مۇسۇلمانلارنى بىرىنچى قەۋىتىنى « قەشقەر شىرىن چۈش مەيخانىسى» نامىدا مەيخانا، ئىككىنچى قەۋەتنى « قەشقەر شىرىن چۈش چايخانىسى» نامىدا چايخانا قىلىپ ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئاشكارىلاندى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ